

7-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار كۈتۈۋېلىشقا كەلگەن ھەر مىللەت ئاممىسىغا قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە.

7-ئاينىڭ 26-كۈنى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ئۆمەك باشلاپ، مەركەز ئورۇنلىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان12-تۈركۈمدىكى كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، 12-تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ «كۈچ ئۇلاش تايىقى»نى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئۈچ يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشلىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ