13 يىلدا تۆت ياشقا يېقىن ئۇزاردى! دۆلىتىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى 79.25 ياشقا يەتتى

2026.07.27 14:39 مەنبە: خەلق تورى

7-ئاينىڭ 21-كۈنى، ”يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش“ ۋەزىيىتىگە دائىر سىياسەت توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك دوكلات يىغىنىنىڭ 5-مەيدان دوكلات يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى لېي خەيچاۋ مۇنداق بىلدۈردى: 2025-يىلىغا قەدەر، دۆلىتىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى 79.25 ياشقا يەتتى، 13 يىلدا تۆت ياشقا يېقىن ئۇزاردى. كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىچىدە، دۆلىتىمىز سەھىيە-ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولۇپ، ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ