
يېقىندا، «شىنخۇا لۇغىتى» (13-نەشرى) سودا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى. «شىنخۇا لۇغىتى» يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى قېلىپلاشقان ھازىرقى زامان خەنيۈ لۇغىتى بولۇپ، 1953-يىلى تۇنجى نەشرى نەشر قىلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە جەمئىي 700 مىليون پارچىدىن ئارتۇق تارقىتىلدى.
«شىنخۇا لۇغىتى» نەشر قىلىنغاندىن بۇيان، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىگە باشتىن-ئاخىر ھەمراھ بولۇپ، ھازىرغا قەدەر تەسىر كۈچى ئەڭ زور بولغان كىچىك تىپتىكى خەنيۈ لۇغىتى ھېسابلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ