خۇبېي ئۆلكىسى ئەمەلىي ئىشلەشنى باش ئورۇنغا قويۇپ تايىنىش نۇقتىسى قۇردى

2026.07.27 14:35 مەنبە: خەلق تورى

گېزىتىمىز مۇخبىرلىرى يۈ ۋېيلياڭ، تيەن دوۋدوۋ

كەلگۈسى كەسىپنىڭ يېڭى مۇسابىقە يولى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، خۇبېي ۋۇخەن دۇڭخۇ يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا (”جۇڭگو ئوپتىكا جىلغىسى“) يەنە بىر تۈر ئورۇنلاشتى: يېقىندا، ئوپتىكا جىلغىسى خەلقئارا مېڭە-ئۈسكۈنە ئۇلاش ئېغىزىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشىپ، كارخانىلارنى كىلىنىكىلىق ئېھتىياج، ئۇقۇمنى دەلىللەشتىن مەھسۇلاتنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، كىلىنىكىدا قوللىنىشقىچە بولغان پۈتۈن زەنجىرلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. ھازىرغىچە، بۇ مەركەز 130 دىن ئارتۇق ئاپپاراتنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. مېڭە-ئۈسكۈنە ئۇلاش ئېغىزى كەسپىنى چۆرىدەپ، ئوپتىكا جىلغىسى بۈگۈنكى كۈندە ئېكولوگىيە، مەبلەغ، سۇپىنى قاپلىغان پۈتۈن زەنجىرلىك تىرەك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مېڭە-ئۈسكۈنە، يىرۈيدې، گېلىنتېك قاتارلىق بىر تۈركۈم ئالاقىدار كارخانىلارنى توپلىدى.

2024 ـ يىل 11 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇبېيدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، تىرىشىپ چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنى يۈكسەلدۈرۈشنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك».

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خۇبېي ”كادىرلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش يىلى“نى سىجىل يولغا قويۇپ، كادىرلارنىڭ سىياسىي ساپاسى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قابىلىيىتى قاتارلىقلارنى ئۆستۈرۈپ، تايانچ نۇقتا قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

جاسارەت بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش −

ئېجوۋ شەھىرى لىنكۇڭ ئىقتىساد رايونى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسى ماسلاشتۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش مەخسۇس بەنىنىڭ ياش كادىرى چېن سى: «بۇلتۇر 4 - ئايدا جۇڭگو (ئېجوۋ) چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى تەستىقلانغاندىن كېيىن، بىز بىكار تۇرغان زاۋۇت ئۆيىنى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا بازىسىغا ئۆزگەرتتۇق، ھازىرغىچە 751 كارخانىنى تىزىمغا ئالدۇرۇشقا جەلپ قىلدۇق، 95 كارخانا ماكانلاشتى» دېدى.

ئېجوۋ ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ كەسپىي يۈك تىرانسپورت ئايروپورتى خۇاخۇ خەلقئارا ئايروپورتىغا تايىنىپ، خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورت تۈگۈن قۇرۇلۇشىنى باشلىدى. ئېجوۋ دىققەتنى ئاۋىياتسىيە ئەشيا ئوبوروتى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كادىرلارنى ئۆگىنىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش، ئەمەلىي ئىشلەپ جاۋاب بېرىشكە يېتەكلىدى. ”جاسارەت بىلەن ئالدىدا مېڭىش كەيپىياتى تېخىمۇ قويۇقلاشتى“ دېدى چېن سى.

ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش −

خۇاجۇڭ پەن-تېخنىكا داشۆسىنىڭ ئاكادېمىكى چېن شۆدۇڭ كوللېكتىپى ۋۇخەن گېلەنرو ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم چەكلىك شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ لايىھەلەپ ياسىغان ئادەمسىمان ماشىنا ئادەم بۇلتۇر سەل مۇقىم ماڭالمايتتى، بۈگۈنكى كۈندە تىرانسفورموتور پونكىتىدا سىناق قىلىپ دەلىللەشنى تاماملىدى.

ۋۇخەن گېلەنرو ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى گو جىشۈن: ”خۇبېيدا ياسالغان“ ماشىنا ئادەم نېمە ئۈچۈن تېز سۈرئەتتە ”تەدرىجىي تەرەققىي قىلالىدى“؟ ”خۇبېي ئادەمسىمان ماشىنا ئادەم يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى تەمىنلىگەن 23 يۇقىرى دەرىجىدىكى تەقلىدىي كۆرۈنۈش ۋە سانلىق مەلۇمات توپلاش مۇلازىمىتى مۇھىم تىرەكلىك رول ئوينىدى“ دېدى.

بۇلتۇر 4 ـ ئايدا، ۋۇخەن دۇڭخۇ يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدىكى ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەر ۋە كارخانىچىلارنى ”باش ئىمتىھان ئالغۇچى“ بولۇشقا تەكلىپ قىلىپ، بىر تۈركۈم كەسپىي كادىرلارنى يېڭىدىن قۇرۇلغان ”سۈنئىي ئەقىل+ئىشخانا“غا كىرىشكە تاللىدى، خۇبېي ئادەمسىمان ماشىنا ئادەمدە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش مەركىزى، سۈنئىي ئەقىل كەسپى بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسى ”ئەندىزە بوشلۇقى“ قاتارلىقلارنى قۇرۇپ چىقتى.

خۇبېي كادىرلارنى ئىسلاھات چارىسى، يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ئېغىر يۈكنى، قىيىنچىلىقلارنى زىممىسىگە ئېلىپ، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلىدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 5.0 ئاشتى، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.8 ئېشىپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %78.2 كە يەتتى.

بەلنى چىڭ باغلاپ غەيرەتكە كېلىپ، قوغداش مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىش −

يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 40 گىگاۋات سائەت قىلىپ لايىھەلەنگەن يۈەنجىڭ يىچاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق لىتىيلىق باتارېيە ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشىغا كېلىشىم ئىمزالىنىشتىن ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆگزىسىنى يېپىشقىچە پەقەت ئالتە ئايلا ۋاقىت كەتتى. بۇ ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن تەدبىر بەلگىلەش، خەۋپ-خەتەرنى ئىشتىن بۇرۇن مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇش مېخانىزمىنىڭ كۈچىدىن ئايرىلالمايدۇ.

”قۇرۇلۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، قۇرۇلۇشنى پۈتۈن ھۆددىگە ئېلىشنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتىگە ئاساسەن باھا مەلۇم قىلىش ئەندىزىسى بويىچە خېرىدار چاقىرسا قائىدىگە خىلاپمۇ؟ سالاھىيەت تەكشۈرۈشتە سالاھىيەتنى كېيىن تەكشۈرۈش شەكلىنى قوللانغاندا يوشۇرۇن خەۋپ قالامدۇ-يوق؟“ تۈر تەرەپنىڭ سۈرئەتنى تېزلىتىش تەلىپى ئالدىدا، تۈر مۇلازىمىتى مەخسۇس بەنىدىكى كادىرلارنىڭ كۆڭلىدە سان بولمىغاچقا، يىچاڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرى جاڭ شۈ قاتارلىقلارنى تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا تەكلىپ قىلدى.

”ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن تەدبىر بەلگىلەش بويىچە خەۋپ ـ خەتەرنى ئىشتىن بۇرۇن مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇش مېخانىزمىنى تۈرلەردە قوللىنىشقا بولىدۇ“ دېدى جاڭ شۈ. بۇ يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمى بويىچە ئالاقىدار ئورۇن ياكى شەخسلەر ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا سىياسەت ئېنىق بولماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈلۈش، جاۋابكارلىققا تارتىلىش خەۋپ ـ خەتىرى ساقلانغان ئىشلارنى ئىشتىن بۇرۇن مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇشنى قوللىنىشقا بولىدۇ، مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇش ئەھۋالىنى خاتالىقنى سىغدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىشقا بولىدۇ. جاڭ شۈ خىزمەتداشلىرى بىلەن تۈردىكى بارلىق خەۋپ ـ خەتەر نۇقتىلىرىنى رەتلەپ مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇشنى تېزلىتىپ، تۈر قۇرۇلۇشىغا ”تېزلەتكۈچ“ ئورناتتى.

ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش بويىچە خەۋپ-خەتەرنى ئەنگە ئالدۇرۇش مېخانىزمىنى كېڭەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن پۇل مۇئامىلە، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، دۆلەت مۈلكى ئىسلاھاتى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە مەسئۇلىيەتنى كەچۈرۈم قىلىش، جاۋابكارلىقنى يېنىكلىتىش ئىشلىرى تىزىملىكىنى ئورنىتىشقىچە، خۇبېي كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە قوغداش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كادىرلارنى ئۆزىنى قويۇۋېتىپ، دادىل ئىش قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خۇبېي كادىرلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى تايانچ نۇقتا قۇرۇلۇشىدىكى باشلامچى، ئۇل خاراكتېرلىك خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، كەسىپ جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، ئىستىل جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ