پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى تېخىمۇ ئەلالاشتى (باش شۇجى كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلەر . ئەمەلىيلىشتىن كەلگەن سادا)

2026.07.27 14:34 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرىمىز ۋاڭ جوۋ، چېن شىخەن

2025-يىل 3-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇيجوۋدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:«مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىپ، يەرلىك قورۇقچىلىق، بازارنى ئايرىۋېتىش، ‹ئىچكى تالىشىش شەكلى›دىكى رىقابەتنى قەتئىي تۈگىتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشى ئۈچۈن مۇقىم، ئادىل، ئاشكارا، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان مۇھىت يارىتىش كېرەك.»

7-ئاينىڭ باشلىرىدا، گۇيجوۋ ئۆلكىسى چيەننەن يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى 3-قارارلىق تىتان ئېقى پاراشوكى تۈرىدە سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تېخنولوگىيەنى ئەلالاشتۇرۇش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ، گۇيجوۋ شېڭۋېي فۇچۈەن خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى تېخنىكا مەركىزىنىڭ باش دېرىكتورى لى خەييەن ناھايىتى ھاياجانغان ھالدا مۇنداق دېدى:«مۇشۇ بىر يېڭى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە تايانغاچقا، بۇ يىل تىتان ئېقى پاراشوكى مەھسۇلات مىقدارىنىڭ يېڭىدىن 50 مىڭ توننا ئېشىشى مۆلچەرلەندى. تۈر قۇرۇلۇشى، ئۈسكۈنىلەرنى تەڭشەشتىن سىناق ئىشقا كىرىشتۈرۈش باسقۇچىغىچە، ھۆكۈمەت پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. كارخانىنىڭ باشقا جايدا سالاھىيىتىنى بېكىتىش قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەرگە قارىتا، شۇ جاي رايون ھالقىپ ھەمكارلىشىپ بېجىرىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئىككى سائەت ئىچىدىلا ئاچقۇچلۇق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشىمىزگە ياردەم بەردى.»

گۇيياڭ گۇيئەنگە جايلاشقان دۆلەت چوڭ سانلىق مەلۇمات (گۇيجوۋ) ئۇنىۋېرسال سىناق رايونىنىڭ يادرولۇق رايونىدا، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن غايەت زور مىقداردىكى سانلىق مەلۇماتلار توپلاندى، ئوبوروت قىلىندى. گۇيياڭ شەھىرى چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىياتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ شۆرۇڭ مۇنداق دېدى:«مەۋقەنى غەربىي جەنۇبتىكى تاغلىق رايونغا قويۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش قاتارلىق ھېسابلاش كۈچى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ‹شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى غەربكە يۆتكەپ ھېسابلاش› قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز.»

يەر يۈزىدىن بۇلۇت تېرمىنالىغىچە بولغان قوللىنىش مۇھىتىدا تەدبىر ۋە نەتىجە-ئۈنۈم نامايان قىلىندى. گۇيجوۋ مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇشتا، تېز ھەم پۇختا قەدەم ئالدى.

2025-يىل 3-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇيجوۋدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىپ، يەرلىك قورۇقچىلىق، بازارنى ئايرىۋېتىش، ‹ئىچكى تالىشىش شەكلى›دىكى رىقابەتنى قەتئىي تۈگىتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشى ئۈچۈن مۇقىم، ئادىل، ئاشكارا، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان مۇھىت يارىتىش كېرەك.»

باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر بىر جايغا نەزەر سالغاندا، ئومۇملۇقنى كۆڭلىگە پۈكتى. 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس، 200 مىليونغا يېقىن تىجارەت سۇبيېكتى... دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك ھەم ئېشىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە بازار دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكى ۋە ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇستەھكەم تايانچى. «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش» مەخسۇس باب قىلىپ پىلانلاندى.

مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارنى قانداق قۇرۇش كېرەك؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ «بەشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، بىرنى ئېچىۋېتىش» ئاساسىي تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «ئىشلەش»نى بىرىنچى ئورۇنغا قويدى.

بازار ئاساسىي تۈزۈمى، ھۆكۈمەت ھەرىكىتى ئۆلچىمى تېخىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، ئادىل رىقابەت تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىندى −

يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشكە قارايدىغان بولساق، بۇلتۇر ئېلان قىلىنغان «بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى (2025-يىل نۇسخىسى)»دە، تىزىملىكتىكى ئىشلار 2018-يىلى تۇنجى نەشردىكى 151 تۈردىن 106 تۈرگە قىسقارتىلدى، چەكلىمە كەڭ قويۇۋېتىلىپ، تېخىمۇ كۆپ تىجارەت سۇبيېكتلىرى تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى؛ بۇ يىل، «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشى نىزامىنى تۈزۈش» «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»قا كىرگۈزۈلۈپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى تېخىمۇ مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ھالەتكە يەتتى.

جايلارنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە قارايدىغان بولساق، شەندۇڭ «بازار توسۇقىنى نۆللەشتۈرۈش»نى ۋىلايەت، شەھەرلەرنى باھالاش كۆرسەتكۈچىگە كىرگۈزدى، جياڭشى ئادىل رىقابەتنى تەكشۈرۈشنى قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى باھالاش كۆرسەتكۈچىگە كىرگۈزدى... نۇرغۇن جايلار توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇلۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، باھالاش «قوماندانلىق تايىقى» ئارقىلىق بازاردىكى توسالغۇلارنى بۇزۇپ تاشلىدى.

بازار ئۇل ئەسلىھەلىرى يۇقىرى ئۆلچەمدە تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئامىللار ھەرىكەتكە كەلدى، جانلاندى −

مال ئوبوروتى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى توسالغۇسىز بولدى. «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، پورتلاردىكى يۈك ساندۇقلىرىنىڭ تۆمۈريول-سۇ يولى بىرلەشمە تىرانسپورت مىقدارى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %15 ئەتراپىدا ئاشتى. چاڭجياڭ دېلتىسى قاتارلىق «شارائىتى بار رايونلار» ياخشى «تەجرىبە ئېتىزى» بولۇپ، رايون بازارلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى پۇختا قانات يايدۇرۇلدى.

جېجياڭ نىڭبو شىماۋتۇڭ خەلقئارا سودا شىركىتىنىڭ چېگرا ھالقىغان كەسىپ باش نازارەتچىسى شيې لياڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:«ھازىر چاڭجياڭ دېلتىسى خەلقئارا سودىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپى بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، ئەشيا ئوبوروتى ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامە بىلەن كىنىشكىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، مال ئوبوروت ۋاقتى ئەنئەنىۋى ئەندىزىگە سېلىشتۇرغاندا %30 تىن كۆپرەك قىسقاردى.»

ئىختىساسلىقلارنىڭ يۆتكىلىشى تېزلىتىلىپ، بازارنىڭ ئەلالىشىشىغا تىرەك بولۇندى. شاڭخەي تەتقىق قىلىپ ئېچىش تارماقلىرىنى تەسىس قىلىپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنى شۇ جايدىن تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتتى... چاڭجياڭ دېلتىسى G60 پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كارىدورى لىنىيەسى بويىدىكى نۇرغۇن شەھەرلەر شاڭخەي سۇڭجياڭدا كەسىپلەردە ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى تەسىس قىلىپ، ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئامىلىنى توپلاپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

ئادىل رىقابەت قوغدىلىپ، «ئىچكى تالىشىش شەكلى»دىكى رىقابەت تۈزەلدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى توسالغۇلار تازىلاندى −

ئاساسلىق سۇپا كارخانىلىرى «پۈتۈن توردىكى ئەڭ تۆۋەن باھا» پائالىيىتىنى توردىن چۈشۈرۈۋېتىش ھەققىدە سۆزلىشىشكە چاقىرىتىلدى؛ يەتتە ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ «ساختا ۋەيمەي» قىلمىشىغا قارىتا 3 مىليارد 597 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدى؛ شيېچېڭنىڭ مونوپول قىلىش قىلمىشىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا كۆرۈلدى... ئادىللىق قوغدىلىپ، «ئىچكى تالىشىش شەكلى»دىكى رىقابەت بۇزۇپ تاشلاندى، ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئەمەلىي تەدبىر قوللاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، باھا جېڭى قىلىش، قىممەت تالىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەي، بارغانسېرى تېخىمۇ كۆپ تىجارەت سۇبيېكتلىرىدا ئاڭلىقلىق شەكىللەندى.

بېيجىڭ مىيۈندىكى بېيجىڭ ئاپتوموبىل گۇرۇھى يېڭى ئېنېرگىيە شياڭجيې دەرىجىدىن تاشقىرى زاۋۇتىنىڭ سېخى. سىم دەستىسىنىڭ قۇراشتۇرۇلۇش ھالىتى سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق تەھلىل قىلىنىدۇ، 0.05 مىللىمېتىرلىق ئېنىقلىق دەرىجىسىنى باھالاشتا پۈتۈن ئاپتوموبىلنىڭ ئارىلىق يۈز پەرقى ماشىنا ئادەمگە تايىنىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. بېيجىڭ ئاپتوموبىل گۇرۇھى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن رىقابەت كۈچى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدىكى خاس ماركىسىنىڭ سېتىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.2 ئاشتى.

مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇش، ئىچكى-تاشقى ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىشمۇ خەلقئارا رىقابەتتە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئېھتىياجى.

بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي دۇنيا دەرىجىلىك ئايرودۇرۇم توپى ۋە پورت توپى قۇرۇشنى تېزلەتتى، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى چېگرا ھالقىغان ئىناۋەت دوكلاتى ئۆلچىمىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشنى ئالغا سىلجىتتى، 2025-يىلى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلار ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %19.1 ئاشتى... مەۋقەنى ئۆزىگە قويۇش، پۈتۈن دۇنياغا يۈزلىنىش، تولۇق ئېچىۋېتىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئارقىلىق، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقنىڭ ھەمتۈرتكە ئۈنۈمىدە رىقابەت تەشەببۇسكارلىقى قولغا كەلتۈرۈلدى.

«جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش كەلگۈسىگە مەبلەغ سالغانلىق»، ئىككى سانلىق مەلۇماتتىن ئومۇمىي ئەھۋالنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ: خەينەن ئەركىن سودا پورتىدا تاموژنىنى يېپىق ھالەتتە يۈرۈشتۈرۈش يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى نۆۋەتلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىدە، كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان خەلقئارا كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن %20 ئاشقان؛ تاموژنىنى يېپىق ھالەتتە يۈرۈشتۈرۈش يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ بۇ يىل 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، خەينەندىكى كارخانىلارنىڭ مال سودا ئىمپورت-ئېكسپورتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %54.6 ئاشقان.

«ئاساسىي قۇرۇلما» ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىدا باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە-ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ بىر مەيدان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ. «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا كۆزلەنگەن يۆنىلىش:«مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىدىكى بوغۇق نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى قەتئىي تۈگىتىپ، يەرلىك قورۇقچىلىق بىلەن بازارنى ئايرىۋېتىشنى تۈگىتىپ، تاۋار ئامىل بايلىقىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە راۋان يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.»

تاغقا چىقىش يولى ئايىغىمىز ئاستىدا، ئەڭ ئېگىز چوققىغا چىقىش ئۈچۈن ھېرىپ-چارچاشتىن باش تارتماسلىقىمىز كېرەك.

(مۇخبىرلىرىمىز سۇ بىن، دوۋ خەنياڭلار ماقالىنى يېزىشقا قاتناشقان)

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ