
7-ئاينىڭ 22-كۈنى، «<15-بەش يىل>نى باشلاش» يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى (9-مەيدان) ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، مۇخبىرنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىللىق ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى يېڭىدىن %10 كۆپەيتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەلا سۈپەتلىك ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتى %5 تىن تۆۋەن بولمايدىكەن. «15-بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ ناھىيە رايونىدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى گۈللەندۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، «15-بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر بىلەن كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ نىسبىتىنى 8:2 گە يەتكۈزۈشكە تىرىشىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باش مائارىپ مۇپەتتىشى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى سۈن چاڭبو مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا، مائارىپ بايلىقىنى ئوقۇش يېشىدىكى نوپۇسقا ئاساسەن جانلىق تەقسىملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە ئۈرۈمچى، غۇلجا قاتارلىق نوپۇس ساپ كىرىدىغان جايلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شەھەر-بازارلارنىڭ يادرولۇق رايونلىرىدا مەكتەپلەرنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇشنى تېزلىتىپ، بىكار تۇرغان مائارىپ بايلىقىنى جانلاندۇرۇپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانىنى يېتەرلىك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىمىز؛ چەت، يىراق يېزا-كەنتلەردە زۆرۈر بولغان يېزا-بازارلاردىكى ياتاقلىق تۈزۈمىدىكى مەكتەپ ۋە يېزا-كەنتلەردىكى كىچىك كۆلەملىك مەكتەپلەرنى ياخشى باشقۇرۇپ، شەھەر-يېزا بالىلىرىنى ئىشىك ئالدىدىلا ياخشى ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.
ئالاھىدە مائارىپ، مەخسۇس مائارىپ كاپالىتىنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىمىز. بۇ يىل كېرىيە ناھىيەسىدە ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدا نوپۇسى 200 مىڭدىن ئاشىدىغان ناھىيە، شەھەرلەردىكى ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرىمىز. كېيىنكى قەدەمدە، يەنە شارائىتى بار ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرىنىڭ يەسلى بۆلۈمى، تولۇق ئوتتۇرا بۆلۈمى ۋە ئوتتۇرا كەسپىي تېخنىكوم بۆلۈمى تەسىس قىلىشىنى قوللاپ، ئالاھىدە مائارىپنىڭ ئىككى ئۇچقا كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. بۇ يىل كۈزدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى توققۇز مەخسۇس مەكتەپنىڭ ھەممىسىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش يولغا قويۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئاساسىي مائارىپ سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ