جۇڭگولۇق ماتېماتىك تۇنجى قېتىم فيېلدس مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

2026.07.24 15:18 مەنبە: خەلق تورى

23-چېسلا ئامېرىكىنىڭ فىلادېلفىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 2026-يىللىق خەلقئارا ماتېماتىكلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، جۇڭگولۇق ماتېماتىك دېڭ يۈ، ۋاڭ خۇڭ فيېلدس مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ جۇڭگولۇق ماتېماتىكلارنىڭ تۇنجى قېتىم فيېلدس مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى.

فيېلدس مۇكاپاتى تۆت يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدۇ، ھەر قېتىمدا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ئادەتتە تۆت كىشىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەندە 40 ياشقا توشمىغان، ماتېماتىكا ساھەسىدە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان ئالىملار مۇكاپاتلىنىدۇ.

بۇ خەلقئارا ماتېماتىكا ساھەسىدىكى ئەڭ ئالىي شان-شەرەپنىڭ بىرى بولۇپ، «ماتېماتىكا ساھەسىدىكى نوبېل مۇكاپاتى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، خۇارېن ماتېماتىك چيۇ چېڭتۇڭ، تاۋ جېشۈەن بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ