
بىر قىسىم ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ماي قاچىلىغاندا باكقا ماينى لىق قاچىلاشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن يازدا ماي قاچىلىغاندا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك، بۇ «ماي قاچىلاش سىرى»نى تېزدىن چۈشىنىۋېلىڭ.
بېنزىن ئىسسىقتىن كېڭىيىش، سوغۇقتىن تارىيىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، ياز پەسلىدە تېمپېراتۇرا ئۆرلىگەندە، بېنزىن تېخىمۇ ئاسان پارلىنىدۇ-دە، ماي باكىدا كۆپ مىقداردا يېقىلغۇ ماي گازى ھاسىل بولىدۇ، ئىچكى قىسىمدىكى بېسىممۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆرلەيدۇ. ماي باكىدا بېنزىننىڭ كېڭىيىشى ۋە پارلىنىپ چىققان يېقىلغۇ ماي گازىنى پەسەيتىش ئۈچۈن بەلگىلىك بوشلۇق قالدۇرۇش كېرەك.
ئەگەر ماينى بەك لىق قاچىلىسا، قالدۇق بوشلۇق يېتەرلىك بولماي، يېقىلغۇ ماي گازى ۋە كېڭەيگەن بېنزىننى سىغدۇرىدىغان ئورۇن قالمايدۇ، بۇ ماي ۋە گازنىڭ سىرغىپ چىقىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ-دە، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى پەيدا بولىدۇ. شۇڭا، يازدا ماينى بەك لىق قاچىلاشقا بولمايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ