گوۋۇيۈەن «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پىلانى (2026 ـ يىلىدىن 2030 ـ يىلىغىچە)»نى بېسىپ تارقاتتى

2026.07.24 15:19 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 7 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى، گوۋۇيۈەن يېقىندا «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پىلانى (2026 ـ يىلىدىن 2030 ـ يىلىغىچە)» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «پىلان» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، ”15 ـ بەش يىل“ مەزگىلىدىكى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

«پىلان»دا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەن ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، تارماقلار بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، كۆپ مەنبە قاتنىشىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالەتلىك قىلىدىغان ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش خىزمەت ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى، ئېرىشىشچانلىقىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى، ساغلام جۇڭگو قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

«پىلان»دا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2030-يىلىغا بارغاندا، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللىشىدۇ، مەھسۇلات مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىدۇ، سۈپىتى سىجىل ئۆسىدۇ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى مەيدان-ئەسلىھەلەر تېخىمۇ يېتەرلىك، ئەلا سۈپەتلىك بولىدۇ، ئاممىۋى تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى ۋە ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەتلىرى تېخىمۇ بېيىيدۇ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمىتى تېخىمۇ بىخەتەر، قېلىپلىق بولىدۇ، تۈرلۈك تەنتەربىيە تەشكىلاتلىرى تەرتىپلىك راۋاجلىنىدۇ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالىدۇ، كەيپىيات كۈنسېرى قويۇقلىشىپ، تەنتەربىيە ھەرىكىتى ئامما كەڭ دائىرىدە قاتنىشىدىغان تۇرمۇش شەكلىگە ئايلىنىدۇ. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تەنتەربىيە مەيدانى كۆلىمى تۆت كىۋادرات مېتىر ئەتراپىغا يېتىدۇ، ھەر 1000 كىشىگە توغرا كېلىدىغان جەمئىيەت تەنتەربىيە يېتەكچىسى 3.3 نەپەر ئەتراپىغا يېتىدۇ، دائىم تەنتەربىيە چېنىقىشىغا قاتنىشىدىغان ئادەم سانىنىڭ نىسبىتى % 40 ئەتراپىغا يېتىدۇ، خەلقنىڭ تەن ساپا سەۋىيەسى سىجىل ئۆسىدۇ.

«پىلان»دا ئون جەھەتتىكى ئاساسلىق ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش تۈزۈم سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى بەدەن چېنىقتۇرۇش مەيدان-ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار ئاممىۋى مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش، ئومۇمىي خەلقنى بەدەن چېنىقتۇرۇشقا تەشكىللەش مۇلازىمەت تورىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئىلمىي بەدەن چېنىقتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، سۈنئىي ئەقىلنى قوللىنىپ ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىنىڭ پەرقلىق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەدەنىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ كۆپ خىل ئىقتىدارى ۋە ئۇنىۋېرسال قىممىتىنى جارى قىلدۇرۇش، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «پىلان»دا يەنە نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى تاماملاشنى چۆرىدەپ، كاپالەت تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«پىلان»دا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پارتىيەنىڭ ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆز رايونىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ