جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېڭى دەۋردە جەمئىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2026.07.24 15:19 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېڭى دەۋردە جەمئىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقىتىپ، يېڭى دەۋردىكى جەمئىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: جەمئىيەت خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى ۋە خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى، خاتىرجەملىكىگە مۇناسىۋەتلىك. يېڭى دەۋردە جەمئىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ جەمئىيەت خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىپ، يېڭى دەۋر «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلات، يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلات، يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى چاقىرىق كۈچى، ئۇيۇشۇش كۈچى، تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، يېڭى دەۋر جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پارتىيەنىڭ جەمئىيەت خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئۆگىنىدىغان مۇھىم مەزمۇن قىلىپ، كادىرلارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش ۋە جەمئىيەت خىزمەتچىلىرىنى تەربىيەلەش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈش كېرەك. جەمئىيەت خىزمىتى ساھەسىدىكى نەزەرىيە تەشۋىقاتى، لېكسىيە سۆزلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرگە كىرگۈزۈش، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش، كارخانىلارغا كىرگۈزۈش، يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلات ۋە يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا كىرگۈزۈش، يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئارىسىغا كىرگۈزۈش قاتارلىقلارغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، پارتىيە كومىتېتىنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى تارماقلىرى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرىدىغان، ئالاقىدار تارماقلار ماسلىشىدىغان، ھەمكارلىشىدىغان، جەمئىيەت كۈچلىرى كەڭ دائىرىدە قاتنىشىدىغان خىزمەت ئەندىزىسى بەرپا قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى) جەمئىيەت خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قەرەللىك مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشى كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ قاپلىشى ۋە پارتىيە خىزمىتى بىلەن قاپلىنىشنىڭ ئوبرازلىق، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئالاقە تورى سۇپىسى كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى كارخانىلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئارىلاش مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە قارىتا تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، يەككە سودا - سانائەتچىلەر، كەسپىي بازارلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، فوند جەمئىيەتلىرى، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى، ئىجتىمائىي ۋاسىتىچى تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، شەھەر - يېزا، مەھەللە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى)، كەنت (مەھەللە) پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشقا قاتنىشىشىنى قوللاش كېرەك. ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە مەسئۇل كىشىلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كەسىپ ئىستىلىنى تۈزەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇيۇشتۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقە تورى سۇپىسىدىكى ھېسابلاش ئۇسۇلىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ياخشى قۇرۇپ، كۈچلۈك قۇرۇپ، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى سىجىل تەرتىپكە سېلىپ، ئاساسىي قاتلامنى نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى سىجىل تۈزەش كېرەك. ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت بىرتۇتاش پىلانلايدىغان، ئاددىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، خەلققە قولايلىق يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى) باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، مەمۇرىي ئىجرا قىلىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، كېڭىشىش - مەسلىھەتلىشىش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش، تىنچ - ئامانلىق قۇرۇلۇشى ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. سىجىل تۈردە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇپ، يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى)نىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىشلىرى تىزىملىكىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، كەنت (مەھەللە)نىڭ خىزمەت ئىش تۈرى ئىجازىتى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى تۈرلۈك دائىرىلەرنىڭ «كۆپ دائىرىلەرنى بىرلەشتۈرۈش»ىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ «قالايمىقان ۋىۋىسكا ئېسىش»نى ئېنىقلاش، تۈزەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئۆز - ئۆزىنى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن شەھەر، يېزا ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەھەللىلەرنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر ئاھالىلىرى ئەھدىنامىسى، ئاھالىلەر ئەھدىنامىسى، كەنت قائىدىسى ئاھالىلەر ئەھدىنامىسى قاتارلىقلارنىڭ رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. خەلق ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئەرزىيەت تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى مەنبەدىن تۈزەش ۋە بېسىلىپ قالغان ئەرزىيەت دېلولىرىنى ھەل قىلىش خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جەمئىيەت توپلىرىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك جەمئىيەت توپلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، مەنپەئەت ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان جەمئىيەت توپلىرى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىيىنىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرگە دائىر ئىشلارنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ھەل قىلىش كېرەك. ئامما بىلەن بولغان دائىملىق ئالاقە باغلاش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى قاتارلىقلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، زىددىيەتلەرنى بىخ ھالىتىدە ھەل قىلىش، ئاساسىي قاتلامدا تۈگىتىش كېرەك. خەلقنىڭ تەكلىپلىرىنى توپلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خەلقنىڭ تەكلىپلىرىنى توپلاش خىزمىتى تۈزۈمىنى دەرىجە ۋە قاتلاملار بويىچە تاكامۇللاشتۇرۇپ، توپلاش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پىدائىيلار مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈپ، مۇنەۋۋەر تىپلارنى تاللاپ تۇرغۇزۇپ، تەشۋىق قىلىپ، رىغبەتلەندۈرۈش، مۇكاپاتلاش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق تەكىتلەندى: ئاساسىي كاپالەتنى كۈچەيتىش كېرەك. سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي، قېلىپلاشقان، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان، يۈرۈشۈشى ئۈنۈملۈك بولغان جەمئىيەت خىزمىتى قانۇن - تۈزۈملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. بازا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەھەر - يېزا ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار قاتارلىقلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت خىزمىتى مۇلازىمەت سۇپىسىنى كېڭەيتىپ، جەمئىيەت خىزمىتى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش، قېلىپلاشتۇرۇش، يېتەكلەش كېرەك. ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئاقىل مەھەللە، رەقەملىك يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىگە ئىنكاس قايتۇرۇش، بېجىرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت خىزمىتىنى رەقەملىك ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جەمئىيەت خىزمەتچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، جەمئىيەت خىزمىتى كەسپىي خادىملىرى، پىدائىيلار، جەمئىيەت خىزمىتى ساھەسىدىكى پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى قاتارلىقلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەت خىزمىتىنى كەسىپلەشتۈرۈش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. جەمئىيەت خىزمىتى تارماقلىرىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە مۇستەھكەم، ساپاسى ياخشى، ئاممىنى قەلبىگە پۈككەن، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىدىغان، ئىستىلدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان جەمئىيەت خىزمىتى كادىرلىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ