
7-ئاينىڭ 22-كۈنى، «<15-بەش يىل>نى باشلاش» يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى (9-مەيدان) ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، مۇخبىرنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، «15-بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭدا ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ قاپلاش دائىرىسى مۇقىم كېڭەيتىلىپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار سانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 3 مىليون 600 مىڭ كىشى، 4 مىليون 800 مىڭ كىشىدىن كۆپرەككە يەتكۈزۈلىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىرى سەي چى مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايون يۇقىرى سۈپەتلىك سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش ھەرىكىتىنى سىجىل يولغا قويۇپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، دېھقان ئىشلىگۈچىلەر، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى كىشىلەر قاتارلىق كىشىلەر توپىنى كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ. شەھەر ـ يېزا ئاھالىسىنى ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققى تاپشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ھەق تاپشۇرۇش ياكى ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشنى تاللاشقا يېتەكلەيدۇ، شارائىتى بار كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنى ھەق تاپشۇرۇش ياردەم پۇلى بېرىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ. دېھقان ئىشلىگۈچىلەر، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئىشچى ـ خىزمەتچىلىرى قاتارلىق يۆتكىلىشچانلىقى يۇقىرى كىشىلەر توپى ۋە ئورۇنلارنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولىدۇ، قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايون بەش دەرىجىلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى داۋاملىق تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «پۈتۈن شىنجاڭدا بىرتۇتاش بېجىرىش» ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئۆستۈرۈپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇلازىمىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كەسپىدە «بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىرتۇتاش بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ