
7-ئاينىڭ 22-كۈنى، تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى سۈن مېيجۈن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كەلگۈسى بەش يىلدا، تاموژنا «تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش + پەن-تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇش»تىن ئىبارەت قوش چاقلىق ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەم تېز ئۆتۈش، ھەم ياخشى باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. 2030-يىلىغا بارغاندا، %90 تىن ئارتۇق پورتقا ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەكشۈرۈش جابدۇقلىرى سەپلىنىدۇ، «سۈنئىي ئەقىل + چوڭ سانلىق مەلۇمات + ئەقلىي ئىقتىدارلىق جابدۇقلار» تاموژنا كەسپىگە كەڭ دائىرىدە كۈچ قوشۇپ، كارخانا، ئاممىنىڭ تاموژنىدىن سېزىمسىز ئۆتۈشىنى دائىملىق ھالەتكە ئايلاندۇرىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ