ئالدىنقى يېرىم يىلدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مالىيە كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.7 ئاشتى

2026.07.23 16:27 مەنبە: خەلق تورى

مالىيە كىرىم-چىقىمى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى ئەكس ئەتكۈزىدىغان «بارومېتىر». مالىيە مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، مالىيە كىرىمى مۇقىم ئاشقان، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى تەخمىنەن 12 تىرىليون 100 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.7 ئاشقان، جەمئىي ئېشىش نىسبىتى ئايمۇئاي ئۆسكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ باج كىرىمى تەخمىنەن 9 تىرىليون 790 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.3 ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ