
مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمەت كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش» ۋەزىيىتىگە دائىر سىياسەت توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك دوكلات يىغىنىنىڭ 5-مەيدان دوكلات يىغىنى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر لېي خەيچاۋ «ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش» توغرىسىدا مەخسۇس تېمىلىق دوكلات بەردى.
لېي خەيچاۋ دوكلاتتا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئۆزى پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم بەلگىسى، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ زور داۋالاش مۇلازىمىتى، ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىندى ھەم ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، نامرات ئاھالىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىشى تارىخىي خاراكتېرلىك كاپالەتكە ئىگە بولدى، ئەسىر يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە بەرداشلىق بېرىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسى سىجىل ئۆسۈپ، ئاساسلىق ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى ئوتتۇرا، يۇقىرى كىرىملىك ۋە نوپۇسى 100 مىليوندىن ئاشىدىغان دۆلەتلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى.
لېي خەيچاۋ مۇنداق كۆرسەتتى: «15-بەش يىل» مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپ ئالدىدا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سەھىيە ۋە ساغلاملىق تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتى فاڭجېنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ساغلاملىقنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى يېتەكچى قىلىپ، سەھىيە-ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
لېي خەيچاۋ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك داۋالاش مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇپ، تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك-ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو تېبابەتچىلىكى-دورىگەرلىكىنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇغۇتنى قوللاش سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سەھىيە-ساغلاملىق ساھەسىدىكى يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ساغلاملىققا پايدىلىق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، 2030-يىلىغا بارغاندا ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمۈرنى تىرىشىپ 80 ياشقا يەتكۈزۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن ساغلاملىق ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.
دوكلات يىغىنىغا بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىدىكى مەسئۇل يولداش رىياسەتچىلىك قىلدى. بېيجىڭدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ئورگانلىرىدىكى كادىرلار، مەركەز كارخانىلىرىدىكى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، پايتەختتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى ۋە پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرىدىن بولۇپ تەخمىنەن 730 كىشى دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ