جياڭشى جيۇجياڭ «يېڭى ئەمەلدار كونا ھېساباتقا ئىگە بولماسلىق»نى مەركەزلىك تۈزەشنى قانات يايدۇردى

نىشانلىق كۈچەپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش (توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش . بىرىنچى سەپتە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم)

2026.07.22 16:34 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرىمىز ياڭ يى، ياڭ يەنفېي

«كۆڭلۈم جايىغا چۈشتى!» بۇ يىل 7-ئايدا، جياڭشى ئۆلكىسى جيۇجياڭ شەھىرى لۇشەن شىخەي داڭلىق مەنزىرە رايونى جېلىن بازىرىدا، شىخەي 1-نومۇرلۇق ئولتۇراق رايونىنىڭ مۈلۈك ئىگىسى يې جىڭلىن كۈتكىنىگە ئۇزاق بولغان كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىنى ئالدى.

«2016-يىلى ئۆي سېتىۋېلىش پۇلىنى تاپشۇرغان، توختامدا 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۆي تاپشۇرۇشنى پۈتۈشكەنىدۇق.» يې جىڭلىن يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، ئۆي-زېمىن سودىگىرى ئۆينى ۋاقتىدا تاپشۇرماي، كەينىگە سۈردى. 2019-يىلى، مەھەللىنىڭ يەر يۈزى پاتقاق، تاملىرى يىمىرىلىپ چۈشۈپ كەتكەن، ھويلا ئىچىدە بەلگىچە ياۋا ئوت-چۆپلەر ئۆسۈپ كەتكەنىدى...ئۇ سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئۆي-زېمىن سودىگىرىنىڭ مەبلەغ زەنجىرى ئۈزۈلۈپ، تۈردە ئىش توختىتىلغانلىقىنى بىلدى. ئۆي تاپشۇرالماسلىق يې جىڭلىن ۋە باشقا 200 دىن ئارتۇق ئۆي ئىگىسىنىڭ باش قېتىنچىلىقىغا ئايلانغانىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىش، سىياسىي نەتىجە يارىتىشتا كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكىلا بېرىلىش، ساختىپەزلىك قىلىش، قارىغۇلارچە ئىش قىلىشتەك ئۇسۇللارنى قوللانماسلىق جەھەتتىن تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى ئەمەلدار كونا ھېساباتقا ئىگە بولماسلىق ۋە <ئوبراز قۇرۇلۇشى>، <سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى>نى توسۇش كېرەك.»

ھەم كونا ھېساباتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، تېخىمۇ مۇھىمى يېڭى ھېسابات قالدۇرماسلىق كېرەك. لۇشەن شىخەي داڭلىق مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان شىخەي 1-نومۇرلۇق پۈتمەس بىنا مەسىلىسىنى چۆرىدەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇردى.

ھەقدارلىق-قەرزدارلىق مۇناسىۋىتى مۇرەككەپ، ئىلتىماس-تەلەپ كۆپ خىل، ماسلاشتۇرۇش قىيىن بولغاچقا، بۇ پۈتمەس تۈر بىرمەھەل «باش ئاغرىقى»غا ئايلانغانىدى. سىرتتىن قارىغاندا، قىيىنچىلىق مەبلەغ كەمچىل بولۇشتا؛ چوڭقۇر قاتلامدىن قارىغاندا، قىيىنچىلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆزئارا ئىشەنمەسلىكىدە بولۇپ، ئۆي ئىگىلىرى پۇلدىن قۇرۇق قېلىشتىن ئەنسىرەيتتى، قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ نېسى پۇلنى قايتۇرۇۋېلىشنى ئويلايتتى، ھەقدارلار قەرز پۇلنى قايتۇرۇۋېلىشنىڭ كويىدا ئىدى، ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىسا تېخىمۇ چوڭ زىددىيەت پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئىدى.

مەسىلە ناھايىتى چىگىچ ئىدى، بۇنداق قاتمال ھالەتنى قانداق بۇزۇپ تاشلاش كېرەك؟

پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلەپ، مەسىلىنى تېگى-تەكتىدىن ئېنىقلاش. «مەسىلە ۋە تۈگۈننى توغرا تېپىش ئاچقۇچ.» جېلىن بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ جىن مۇنداق تونۇشتۇردى: خىزمەت مەخسۇس بەنى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئون نەچچە قېتىم پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، مۈلۈك ئىگىلىرىنىڭ يۈرەك ساداسىنى يۈزتۇرا ئاڭلاپ، مەنپەئەتكە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ ئىلتىماس-تەلىپىنى ئىگىلەپ، قانۇن نەزەرىيەسىنىڭ تۆۋەن چېكىنى ئېنىق سۆزلەپ، سىياسەتنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزدى. پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى تەدرىجىي ھەركىم ئۆز گېپىنى قىلىش، توختىماي تالاش-تارتىش قىلىشتىن ئۆزئارا چۈشىنىش، پىكىرنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئۆتتى.

شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، نىشانلىق تەدبىر قوللىنىش. «ئۆي-زېمىن سودىگىرىنىڭ مەبلەغ توپلىشىدىن ئۈمىد قالمىغان ئەھۋالدا، بىز تۈرنىڭ ۋەيران بولۇپ قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ۋەيران بولۇشنى باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ مۈلۈك قەرزىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، بازارلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق <ئۇيقۇدىكى مۈلۈك>نى <كۆچمە كاپىتال>غا ئايلاندۇردۇق» دېدى لۇشەن شىخەي داڭلىق مەنزىرە رايونى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خۇاڭ خۇا.

«كەسپىي باھالاش ئارقىلىق، مەبلەغ يېتەرسىزلىكى 60 مىليون يۈەندىن 30 مىليون يۈەندىن تۆۋەنگە چۈشۈرۈلدى.» خۇاڭ خۇا مۇنداق تونۇشتۇردى: كۆپ قېتىم كېڭىشىش ئارقىلىق، قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ ئارتۇق ئۆينى قۇرۇلۇش پۇلى ئورنىدا ئېلىپ، قۇرۇلۇشنى قايتا باشلاشنى داۋاملىق ئۈستىگە ئېلىشقا قوشۇلدى، شۇنىڭ بىلەن تۈر داۋاملىق ئالغا سىلجىتىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، باشقۇرۇش كومىتېتى يىرىك پىلان، قۇرۇلۇش، باج، تەبىئىي بايلىق قاتارلىق كۆپ تارماقنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇپ، توك تەمىناتى، سۇ تەمىناتى، باج تاپشۇرۇش، ئوت مۇداپىئەسىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىر-بىرلەپ ھەل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، شىخەي 1-نومۇرلۇق ئولتۇراق رايونىنىڭ ئۆي ئىگىلىرى ئارقا-ئارقىدىن كىنىشكا ئالدى. باشقۇرۇش كومىتېتى يەنە ساغلاملىق-كۈتۈنۈش ساياھەت تۈرىنى كىرگۈزۈپ، سېتىلمىغان ئۆيلەرنى ساغلاملىق-كۈتۈنۈش ئۆيىگە ئۆزگەرتتى.

ھازىر شىخەي 1-نومۇرلۇق ئولتۇراق رايونىنىڭ يوللىرى تەكشى، كەڭ بولۇپ، يېشىللىققا پۈركەندى. «بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا بېزەپ كۆچۈپ كىرمەكچى بولۇۋاتىمىز!» دېدى يې جىڭلىن كۈلۈپ تۇرۇپ.

لۇشەن شىخەي داڭلىق مەنزىرە رايونى تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ، بىر-بىرلەپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ تىزىملىك تۇرغۇزدى ھەم ھەربىر تۈرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئالغا سىلجىتىش ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈپ، ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىپ ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. ھازىرغا قەدەر، مەنزىرە رايونى تۆت پۈتمەس تۈر، ئىككى جايدىكى بىكار تۇرغان بايلىقنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، بىر-بىرلەپ بۆسۈش ھاسىل قىلدى.

توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش بويىچە ئۆگىنىش-تەربىيە قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، جيۇجياڭ شەھىرى «يېڭى ئەمەلدار كونا ھېساباتقا ئىگە بولماسلىق»تەك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن مەركەزلىك تۈزەپ، كونا ھېساباتنى تۈگىتىش ئۈنۈمىنى كادىرلارنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسىنى باھالاشقا كىرگۈزۈپ، پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن «بىرىنچى باشلىق»لارنى جاھىل كېسەلگە بىۋاسىتە يۈزلىنىش، نىشانلىق كۈچەشكە يېتەكلەپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ