
مۇخبىرنىڭ 7-ئاينىڭ 21-كۈنى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، جايلاردىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر 2026-يىلى غەربىي قىسىم پىلانىغا پىدائىيلىق مۇلازىمىتى قىلىش بويىچە يېڭىدىن تەشكىللىگەن 53 مىڭدىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچى پىدائىيلىرى يېقىندا ئارقا-ئارقىدىن يولغا چىقىپ، شىنجاڭ، شىزاڭ، گۇيجوۋ قاتارلىق 27 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە بېرىپ پىدائىيلىق مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان پىدائىيلار يېزا-كەنت مائارىپى، يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى، ساغلام يېزا-كەنت، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىش، ۋەتەننى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش، ئاساسىي قاتلام ياشلار خىزمىتى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە پىدائىيلىق مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن، %90 تىن ئارتۇق مۇلازىمەت ئىش ئورنى يېزا-بازار ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن جايلاردا بولىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، يېڭى دەۋر كىرگەندىن بۇيان، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن 400 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، غەربىي قىسىم، يېزا-كەنت، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ پىدائىيلىق مۇلازىمىتى قىلىپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ۋە چېگرا رايوننى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەشنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا ئاكتىپ رول ئوينىغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ