«كىرېمىل سارىيىنىڭ گۆھىرى: پېتېر I دىن يېكاتېرىنا II گىچە» دېگەن تېمىدىكى ئالاھىدە كۆرگەزمە ۋۇخەندە باشلاندى

2026.07.22 14:40 مەنبە: خەلق تورى

7-ئاينىڭ 20-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى، ساياھەتچىلەر خۇبېي ئۆلكىلىك مۇزېيدا كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

7 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، «كىرېمىل سارىيىنىڭ گۆھىرى: پېتېر I دىن يېكاتېرىنا Ⅱ گىچە» دېگەن تېمىدىكى ئالاھىدە كۆرگەزمە ۋۇخەندىكى خۇبېي ئۆلكىلىك مۇزېيدا باشلاندى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى خۇبېي ئۆلكىلىك مۇزېي بىلەن موسكۋا كىرېمىل سارىيى مۇزېيى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، موسكۋا كىرېمىل سارىيى مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان جەمئىي 129 پارچە (گۇرۇپپا) قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى كۆرگەزمە قىلىنغان، بۇلار خان تاجى، ھوقۇق ھاسىسى، ئوردېن، ئوردا مۇراسىم كىيىمى، قورال ـ ياراغ، كۈمۈش بۇيۇم قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ