
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ پاش قىلىش مەركىزى جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ساختا، تەقلىدىي تور بېكەتلىرىگە دائىر پاش قىلىشنى قوبۇل قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى سىجىل زورايتتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ساختا، تەقلىدىي تور بېكەتتىن جەمئىي 759 نى بىر تەرەپ قىلىشقا تاپشۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، 2025-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %150 ئاشقان، بۇ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، كارخانىلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك تور بېكەتكە چېتىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ