
مۇخبىرنىڭ 7-ئاينىڭ 21-كۈنى دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، 2026-يىللىق بالا بېقىش ياردەم پۇلىغا دائىر 27 مىليون 510 مىڭ ئىلتىماس تاپشۇرۇلغان، 27 مىليون 130 مىڭ ئىلتىماس تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن، 25 مىليون 160 مىڭ كىشىگە تارقىتىلغان.
يېقىندا، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، 2022-يىلىدىن 2024-يىلىغىچە تۇغۇلغان بوۋاقلار، بالىلار ئۈچۈن بېرىلىدىغان تۇنجى قېتىملىق بالا بېقىش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتىنى 2026-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئۇزارتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئىلتىماس قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ئىلتىماس قىلغۇچىلىرى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا جىفۇباۋ، ۋېيشىن، ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسى ئارقىلىق بالا بېقىش ياردەم پۇلى ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كىرىپ، «2022-يىلىدىن 2024-يىلىغىچە ئىلتىماس قىلىشنى ئۇزارتىش يولى»غا كىرىپ، بالا بېقىش ياردەم پۇلى ئېلىش ئىلتىماسىنى ئەسكەرتىش بويىچە تاپشۇرسا بولىدۇ. بالا بېقىش ياردەم پۇلى ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇلىدۇ، 2026-يىلى «بىر كۇنۇپكا بىلەن داۋاملىق ئېلىش» ئىقتىدارى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى، ئامما داۋاملىق ئېلىش ئىلتىماسىنى قولاي ھالدا تاماملىيالايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ