
7 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ شاڭخەي شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 67-نۆۋەتلىك خەلقئارا ماتېماتىكا ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە 7ـ ئاينىڭ 14-كۈنى باشلانغان بولۇپ، دۇنيادىكى 120 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن ياش-ئۆسمۈر ماتېماتىكا تالانت ئىگىلىرى بىر سەھنىدە مۇسابىقىلاشكەن.
جۇڭگو كوماندىسى ماھارىتىنى قالتىس جارى قىلدۇرۇپ، كوللېكتىپ ئومۇمىي نومۇردا 1-بولۇپ، شەرەپ بىلەن بىرىنچىلىكنى ئالغان، مۇسابىقىگە قاتناشقان ئالتە ماھىرنىڭ ھەممىسى ئالتۇن مېدال ئالغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچەيلەن تولۇق نومۇرغا ئېرىشكەن. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە جەمئىي 55 ئالتۇن مېدال، 105 كۈمۈش مېدال، 189 مىس مېدال تارقىتىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا 141 ماھىر شەرەپ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن. ئامېرىكا كوماندىسى كوللېكتىپ بويىچە 2-بولغان، رۇسىيە كوماندىسى بىلەن سىنگاپور كوماندىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 3-، 4-بولغان.
2027-يىللىق 68-نۆۋەتلىك خەلقئارا ماتېماتىكا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ۋېنگىرىيە ئۈستىگە ئالىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ