
يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى «ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللاشقا دائىر بىرقانچە تەدبىرى (2026-يىللىق نۇسخا)» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «تەدبىر» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلىپ، ئۆزگىچە كەسىپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ 15 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭدا، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى مەۋقە قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ سۈپەت جەھەتتىكى رىقابەت كۈچى، بىخەتەرلىك كاپالىتى كۈچى ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈم-ئىقتىدارىنى كۈچلۈك ئۆستۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.
«تەدبىر»دە دىققەت خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ سۈپەت جەھەتتىكى رىقابەت كۈچىنى كۈچەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈلدى، بۇنىڭدا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ سۈپىتىنى ھەمتۈرتكىلىك ئۆستۈرۈش قانات يايدۇرۇلۇپ، سۈپەت جەھەتتە بەلگە خاراكتېرلىك ئوندىن ئارتۇق كارخانا دەل جايىدا يېتىشتۈرۈلۈپ، جۇڭگو نېفىتى تارىم نېفىتلىكى شۆبە شىركىتىگە تايىنىپ تەبىئىي گاز ئېلىش كەسپى بويىچە ئۆلچەش، سىناش مەركىزى قۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلىپ، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ۋە نۇقتىلىق سۇچىلىق تۈرلىرى ئۆلچەم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئۆلچەم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش تېزلىتىلىپ، بىر تۈركۈم يەرلىك ئۆلچەم ۋە كوللېكتىپ ئۆلچەملەرنى تۈزۈش (تۈزىتىش كىرگۈزۈش)كە يېتەكچىلىك قىلىنىپ، «شىنجاڭ سۈپىتى» قاتارلىق رايون ئاممىۋى ماركا قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىلىدۇ؛ تەكشۈرۈش، ئۆلچەش، ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، چىلان، ئالما قاتارلىق خاس مەھسۇلاتلارنىڭ يادرولۇق كۆرسەتكۈچلىرىنى سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، كارخانىلارنىڭ ئورگانىك مەھسۇلاتقا ئىسپات بېرىشنى ئىلتىماس قىلىپ، قوشۇلما قىممەتنى ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ