فىلىپپىن تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ چارلاش پاراخوتىنى قورشاپ سوقتى، جۇڭگو دېڭىز ساقچىلىرى ئىنكاس قايتۇردى

2026.07.21 15:58 مەنبە: خەلق تورى

7-ئاينىڭ 20-كۈنى، جۇڭگو دېڭىز ساقچى ئىدارىسى فىلىپپىننىڭ «زو تەن» 57-نومۇرلۇق قانۇنسىز پاراخوتىنىڭ قەستەن ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى:

7-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00 ئەتراپىدا، جۇڭگو دېڭىز ساقچىلىرىنىڭ بىر كىچىك تىپتىكى چارلاش پاراخوتى جۇڭگو رېنئەي خادا تېشى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە دائىملىق چارلاۋاتقاندا، فىلىپپىننىڭ «زو تەن» 57-نومۇرلۇق قانۇنسىز پاراخوتى ئىككى رېزىنكە قولۋاقنى قويۇپ بېرىپ، جۇڭگو دېڭىز ساقچىلىرىنىڭ كۆپ قېتىم ئېنىق ئاگاھلاندۇرۇشىغا پىسەنت قىلماي، خەتەرلىك ئۇسۇلدا جۇڭگو تەرەپنىڭ چارلاش پاراخوتىغا تېز سۈرئەتتە يېقىنلاشتى ھەم ئۇنى قورشاپ سوقتى، بۇ ئارىلىقتا فىلىپپىن تەرەپ خادىملىرى ئالدى بىلەن پالاق، ئۇزۇن كالتەك قاتارلىق قوراللارنى ئىشلىتىپ جۇڭگو تەرەپنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملىرىغا يامان غەرەزدە ھۇجۇم قىلدى. جۇڭگو تەرەپ قانۇن ـ بەلگىلىمە بويىچە يۇقىرى ئاۋازدا ئاگاھلاندۇرۇش، ھەرىكەتچان ئايلىنىپ ئۆتۈش، باراۋەر تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ نەق مەيدان ۋەزىيىتىنى مۇقىم كونترول قىلىپ، ئەڭ زور چەكتە سالماقلىقنى ساقلاپ ئۆزىنى تۇتۇۋالدى. ۋەقە يۈزبەرگەندىن كېيىن، فىلىپپىن تەرەپ پاكىتنى بۇرمىلاپ، جۇڭگو تەرەپكە بوھتان چاپلىدى، بۇ پۈتۈنلەي ئاق-قارىنى ئاستىن ـ ئۈستۈن قىلغانلىق. بىز فىلىپپىن تەرەپتىن ھوقۇققا دەخلى ـ تەرۇز قىلىش، ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان كۆپتۈرۈشنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلىمىز. جۇڭگو دېڭىز ساقچىلىرى رېنئەي خادا تېشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەنشا تاقىم ئاراللىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە ھوقۇقنى قوغداش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيىتىنى سىجىل قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق ـ مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ