«غايە-ئېتىقاد كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى < كالتسىيسى>» (باش شۇجىنىڭ خەلقچىل ھېسسىياتى)

2026.07.21 16:14 مەنبە: خەلق تورى

گېزىتىمىز مۇخبىرلىرى لى لىنۋېي، خې جاۋيۈ

غايە-ئېتىقاد پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى. بۇ غايە-ئېتىقاد دەل ماركسىزملىق ئېتىقاد، كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئورتاق غايىسىدۇر.

باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيەمىز ماركسىزمنى سۇبيېكتىپ دۇنيا ۋە ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال قىلدى»، «پارتىيەمىز كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسىنى قەلبىگە پۈكتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۈچۈن ئىرادە باغلىدى»، «جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىشى».

غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىش پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشىدىكى باش ۋەزىپە. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم «ئىنقىلابىي غايە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ» دېگەن سۆزنى نەقىل كەلتۈرۈپ، غايە-ئېتىقادنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق كۆرسەتتى: «غايە-ئېتىقاد كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى <كالتسىي>سى، كوممۇنىستلاردا غايە-ئېتىقاد بولمىسا، مەنىۋى جەھەتتە <كالتسىي كەم> بولۇپ، <سۆڭەك يۇمشاقلىشىش كېسىلى> بولۇپ قالىدۇ».

ھازىر، پۈتۈن پارتىيەدە توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئۇنى ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش-تەربىيەسى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلماقتا، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئاڭلىق ھالدا ئۆزىنى «تۆت بارمۇ-يوق»قا سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈشى كېرەك، بىرىنچىسى «ئۆزىنىڭ ئىدىيەسى ۋە ھەرىكىتىدە كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىدىن چەتلەش بار-يوقلۇقىغا قاراش كېرەك». شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كەڭ پارتىيەلىك كادىرلاردىن جەزمەن مەنىۋى «كالتسىي»نى كۈچەپ تولۇقلاپ، غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىشنى ئۆمۈرلۈك تېما قىلىپ، ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈر ئىشىنىش، ئۇنى بىر ئۆمۈر ساقلاشنى تەلەپ قىلىدۇ.

مۇستەھكەم غايە-ئېتىقاد چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزىتىش، ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش، كەلگۈسىنى كۆزىتىشتىكى يول كۆرسەتكۈچ نۇرلۇق چىراغ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «مەيلى ئىلگىرى، ھازىر ياكى كەلگۈسىدە بولسۇن، ماركسىزمغا بولغان ئېتىقاد، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئەقىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان ئىشەنچ جۇڭگو خەلقىنى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىش، قۇدرەت تېپىشقا يېتەكلەيدىغان ۋە ئۇنىڭغا تىرەك بولىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ.»

بۇ يىل 3-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، تېببىي خادىملار. ..شيۇڭئەننىڭ يېڭى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ئىدى. باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: «سىلەر بىرىنچى تۈركۈمدىكى يول ئاچقۇچىلار، پارتىيەنىڭ ئېھتىياجىغا بويسۇنۇپ، بۇيرۇق بېرىلگەن ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، شيۇڭئەن ۋە بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشتۇڭلار.».

ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرىدا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشىدىن قۇرۇلۇش يىللىرىدا قاتناش داشۆسىدىكى نەچچە مىڭ ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىنىڭ «سومكىسىنى كۆتۈرۈپلا يولغا چىقىپ»، غەربىي شىمالغا بېرىپ تۆھپە قوشۇپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىغىچە، يەنە يېڭى دەۋردىكى شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى قۇرغۇچىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭگە ئاتلىنىشنى ئىلتىماس قىلىپ، بىرىنچى سەپتە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىشىغىچە. ..

قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، پارتىيەنىڭ ئېھتىياجىغا بويسۇنۇش مۇستەھكەم غايە-ئېتىقادتىن كەلگەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «غايە-ئېتىقاد مۇستەھكەم بولغاندىلا، پارتىيەنى قەلبكە پۈكۈپ، پارتىيەگە سادىق بولغاندىلا، مۇستەھكەم ئىدىيەۋى ئاساس بولىدۇ.»

مۇستەھكەم غايە-ئېتىقاد يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

ئۇلۇغ دەۋر ئۇلۇغ ئىدىيەنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچى ۋە تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچى ماركسىزمنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ھەقىقەتلىكىنى سىناقتىن تولۇق ئۆتكۈزدى، ماركسىزمنىڭ خەلقچىللىقى ۋە ئەمەلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، ماركسىزمنىڭ ئوچۇقلۇقى ۋە دەۋرچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.»

پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى «سەككىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇش»، «14 تە چىڭ تۇرۇش»قا يىغىنچاقلاندى، پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا يىغىنچاقلاش ئارقىلىق، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا «ئوننى ئايدىڭلاشتۇرۇش»، «14 تە چىڭ تۇرۇش» «13 جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەت»كە يىغىنچاقلاندى ھەمدە «ئىككى بىرلەشتۈرۈش»، «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش شەرت» قاتارلىق پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىلمىي ئۇسۇللار خۇلاسىلەندى، تاۋلاندى ۋە چوڭقۇر بايان قىلىندى. دەل يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشى ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشى داۋامىدا، سىستېمىلاشتۇرۇش، ئىلمىي نەزەرىيەلەشتۈرۈش جەريانىدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۈزلۈكسىز بېيىپ راۋاجلىنىپ، مۇكەممەل، ئىلمىي بولغان نەزەرىيە سىستېمىسىغا ئايلاندى.

«ھەقىقەتنى تونۇش، ھەقىقەتنى ئىگىلەش، ھەقىقەتكە ئېتىقاد قىلىش، ھەقىقەتنى قوغداش غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىشنىڭ مەنىۋى ئالدىنقى شەرتى.»

پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش توققۇز قېتىم ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش خىزمىتى نىزامى» بېسىپ تارقىتىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش خىزمىتىنىڭ بەش يىللىق يىرىك پىلانى ئۇدا ئۈچ نۆۋەت تۈزۈپ يولغا قويۇلدى... يېڭى دەۋردىن بۇيان، بىر قاتار تەدبىرلەر كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، مەنىۋى «كالتسىي»نى تولۇقلاپ، ئىدىيەۋى «روھ»نى مۇستەھكەملەپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىشى، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

مۇستەھكەم غايە-ئېتىقاد توختاۋسىز كۈرەش قىلىش، بوشاشماي ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى.

ۋاڭ يۈچاڭ 18 يېشىدا ھەربىي لاگېرغا ئاتلىنىپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان خەلق پەرزەنت ئەسكىرى بولغان؛ ئوقاس سۈلەيمەن شەھەر-بازاردىكى خىزمەت پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ،كۈن-كۈنلەپ تاغ ئىچكىرىسىدىكى چارۋىچىلىق رايوندا يۈرگەن... بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ «1-ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرگە بىر-بىرلەپ ئوردېن تارقىتىپ بەردى ھەم ئۇلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ تەبرىكلىدى.

ئاڭ قارىماققا شەكىلسىز كۆرۈنسىمۇ، ھالقىلىق پەيتتە خاراكتېردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. «جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرالامدۇ-يوق، جاپادا ئالدىدا، ھالاۋەتتە كەينىدە تۇرالامدۇ-يوق، تىرىشىپ ئىشلەپ، پاك-دۇرۇس بولۇپ، غايە ئۈچۈن پىداكارلىق بىلەن جان تىكىپ ئېلىشالامدۇ-يوق، كۈرەش الامدۇ-يوق، ئۆزىنىڭ بارلىق زېھنىي كۈچى، ھەتتا ھاياتىنى بېغىشلىيالامدۇ-يوق»، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، بىر رەھبىرىي كادىرنىڭ كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسىگە ئىگە بولغان-بولمىغانلىقىنى ئۆلچەيدىغان ئوبيېكتىپ ئۆلچەمنى مۇشۇنداق يىغىنچاقلاپ بەردى.

بۇ يىل «15-بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەگە «جاسارەت بىلەن يېڭى تارىخىي شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىش» ئۇلۇغ چاقىرىقىنى چىقاردى.

قەلبتە ئېتىقاد بولسا، يىراققا يۈرۈش قىلغىلى بولىدۇ. «غايە ـ ئېتىقاد ئوتى تۇتاشقان ھامان مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.»

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ