دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى

2026.07.21 15:56 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق تۆۋەندىكى ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى:

1. سۈي ۋېينى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىراق جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛

شياڭ بونى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىراق جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

2. ليۇ يەنتاۋنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىپرۇس جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛

ياڭ يۈندۇڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىپرۇس جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

3. شۈ شۆيۈەن (ئايال)نى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاناما جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛

جاڭ شياڭيەننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاناما جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ