«پارتىيەنىڭ ئىستىلى دۇرۇس بولسا، خەلقنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولىدۇ» (باش شۇجىنىڭ خەلقچىل ھېسسىياتى)

2026.07.21 15:49 مەنبە: خەلق تورى

گېزىتىمىز مۇخبىرلىرى لى شياڭ، كۇاڭ شىشى

7-ئاينىڭ 1-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى:«ئىشەنچنى چىڭىتىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىشتا، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىش شەرت»، «پارتىيەنىڭ ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاش، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاشنى كۆزدە تۇتۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.»

پارتىيەنىڭ ئىستىلى ۋە ئوبرازى پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ.

شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىدە «ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ دائىملىشىشى، ئۇزاق ئۈنۈم بېرىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش» ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى.

«پارتىيەنىڭ ئىستىلى دۇرۇس بولسا، خەلقنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولىدۇ، پارتىيە ۋە خەلق جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدۇ.» يېڭى دەۋردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى، جەمئىيەت ئىستىلىنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزۈشنى تەكىتلىدى.

پارتىيە ئىستىلى پارتىيە رايى بىلەن خەلق رايىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پارتىيە ئىستىلى دۇرۇس بولسا، كىشىلەر قەلبى بىردەك بولىدۇ.

خېبېي جېڭدىڭ يولداش شى جىنپىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا قەدەم ئالغان جاي. ئىدىيەنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرسەك، «ئالتە تۈرلۈك بەلگىلىمە»دىن «سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە»غىچە بولغان ئىزدىنىشىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ.

1983-يىلى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جېڭدىڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىك ئىستىلىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى بىرقانچە تۈرلۈك بەلگىلىمىسى» تېمىسىدىكى ھۆججەت كىشىلەرنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇنى يولداش شى جىنپىڭ جېڭدىڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغاندا رىياسەتچىلىك قىلىپ تۈزگەن بولۇپ، جەمئىي 1200 خەتتىن ئارتۇق، ئالتە تۈرلۈك مەزمۇن بار ئىدى، بۇ «ئالتە تۈرلۈك بەلگىلىمە» دەپ ئاتالدى. كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلدى، ئىستىل يېڭىلاندى، پۈتۈن ناھىيە خەلقىنىڭ روھى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇلدى.

«ئالتە تۈرلۈك بەلگىلىمە»دىن يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگىچە، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىش جاسارىتى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلدى.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلە ۋە ئىللەتلەر ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەسىلىنى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى تۈزۈپ يولغا قويۇشتىن باشلاپ ھەل قىلدى. بۇ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى گېپىدە تۇرۇپ ئاممىنى قايىل قىلىش تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى:«پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامىنى تەڭ تۇتۇش، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئەمەلىي نەتىجە-ئۈنۈمى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش كېرەك.»

خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمى سەپەرگە يېنىك ئاتلانغان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشلاردا، راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولغان يىغىنلاردا، ئاددىي غىزالىنىشلاردا ئەكس ئېتىدۇ.

ئىستىل قۇرۇلۇشىدا ئەمەلىي نەتىجە ئارقىلىق ئىشەنچ تۇرغۇزۇش، ئالقىشلىق باھا ئارقىلىق ئۈنۈمنى تەكشۈرۈش كېرەك.

2017-يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ لياۋنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلاردا كۆز بويامچىلىق قىلىش ئىشى تىلغا ئېلىنغاندا، بەزى ۋەكىللەر قىلچە يوشۇرماي كۆڭلىدىكىنى ئېيتتى.

باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى:«سانلارنى ئېنىق كۆچۈرۈپ، تېگى-تەكتىنى ئېنىقلاپ، ساختىسىنى سىقىپ چىقىرىۋەتسەڭلار، گەرچە قېپقالغان سانلار ئانچە چىرايلىق كۆرۈنمىسىمۇ، لېكىن مېنىڭچە ئەمەلىيەتتە ناھايىتى چىرايلىق. بىز ھەقىقىي ساختىسىز تەرەققىياتقا ئىنتىلىشىمىز، ئەمەلىيەتكە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، خەلققە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشىمىز كېرەك.»

ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ بىر ئۇچى پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىدىغان پولات قائىدە، قاتتىق ئۆلچەمغا تۇتىشىدۇ، يەنە بىر ئۇچى خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا تۇتىشىدۇ. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى خەلققە بەخت يارىتىدىغان ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇرۇش توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش تېمىسىدا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن.

باش شۇجى ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى ھەر ۋاقىت قەلبىگە پۈكۈپ كەلدى: يولداش جياۋ يۈلۇنى «قەلبىگە پۈتكۈل خەلقنى پۈكۈپ، ئۆزىنى ئويلاپمۇ قويمىغان» دەپ ماختىدى؛ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن يولداش گۇ ۋېنچاڭدىن ئۆگىنىپ، ئابىدىنى خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبىدە تىكلەشنى تەلەپ قىلدى؛ نۆۋەت ئالماشتۇرۇشتىن كېيىن ئاسان كۆرۈلىدىغان سىياسىي نەتىجە جەھەتتە ھاياجانلىنىش، قارىغۇلارچە ئىش قىلىش، قاتتىق ئىشلەپ، ئىشنى تېز ۋۇجۇدقا چىقىرىش ھەمدە «مۇسابىقە يولىنى ئالماشتۇرۇش»، «ئىز قالدۇرۇش» قاتارلىق ھادىسىلەرگە قارىتا، «تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ، تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك» دېگەن روھنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى...

پارتىيەنىڭ ياخشى ئىستىلى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ھەربىر ئەمەلىي ئىش داۋاملاشتۇرۇلدى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پۇختا ئىستىل دائىملىق ھالەتكە ئايلانغاندىلا، سىياسىي نەتىجە ھالىتى «كۆرگىلى بولىدىغان شەكىل»دىن «تۇتقىلى بولىدىغان ئەمەلىي نەپ»كە يۈزلىنەلەيدۇ. كادىرلارنىڭ ئىستىلى پۇختا بولسا، پۇقرالارنىڭ كۈلكىسى كۆپىيىدۇ، كەيپىياتى ئىزىغا چۈشىدۇ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ بىر نىيەتتە بولۇش ئاساسى ھەقىقىي مۇستەھكەملىنىدۇ.

ئىستىل قۇرۇلۇشىدا توختاش بەلگىسى يوق، ئۇ مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ.

بۇ يىل 7-ئاينىڭ 15-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:«ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى سىجىل يېنىكلىتىشكە كۈچ قوشۇش كېرەك»، «چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئاھالىلەر ئۈچۈن ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىش كېرەك.»

بۇ يىل 6-ئاينىڭ 24-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەندۇڭ دېجوۋدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:«ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى سىجىل يېنىكلىتىپ، كەنت كادىرلىرىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، تەرەققىياتقا قاتنىشىدىغان تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ۋە زېھنىي كۈچكە ئىگە قىلىش كېرەك.»

2025-يىل 3-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇيجوۋ ۋە يۈننەنگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. جاۋشىڭ دۇڭجەي كەنتىدە «ئۇزۇن ئورۇندۇق سۆھبەت يىغىنى» ئۆزگىچە تۈسكە كىرگەنىدى؛ ئاددىيلا سەپەرگە چىققان باش شۇجىنىڭ لىجياڭ قەدىمىي شەھىرىگە قەدەم بېسىشى كوچىلارنى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدۈردى.

شۇ چاغدا، دىققەت مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈلگەن بىر مەيدان ئۆگىنىش تەربىيەسى پۈتۈن پارتىيەدە قانات يايدۇرۇلۇۋاتاتتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلىشتىكى چوڭقۇر ئويلىنىشى ئۈستىدە توختالغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى:«بۇ يىللاردا، سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە ھەقىقەتەن تۈپتىن ئۆزگىرىشلەرگە تۈرتكە بولدى، كەيپىيات يېڭىلاندى، ئىلگىرىكى يىغىلىپ قالغان ناچار ئەھۋاللارنىڭ كۆپ قىسمى تۈگىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، بەزى جايلاردا بوشىشىش بولدى، بەزى جەھەتلەردە يەنە قاراڭغۇ رايون، ئۆلۈك بۇلۇڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇردى، بەزى ناچار كەيپىيات قايتا باش كۆتۈردى. مىخ قېقىش روھى دېگەندىكىن، مېخنى يەنە نەچچە قېتىم قېقىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئادەتنى ئۆزگەرتىش كېرەك.»

بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، دائىم تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئۇزاققىچە تۇتۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتىن ئىنتىزام ئىجراسى، نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكىچە، تۈزۈم چەكلىمىسىدىن ئىنتىزام ئاڭلىقلىقىغىچە، ئىستىل قۇرۇلۇشى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، پۇختا بولدى.

«پارتىيە ئىستىلى پارتىيەنىڭ ئوبرازى، ئۇ كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش-قىلالماسلىققا، پارتىيەنىڭ ھايات-ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك.» پارتىيەمىز ھاكىمىيەت خەلق دېمەكتۇر، خەلق ھاكىمىيەت دېمەكتۇر دېگەننى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، قەتئىي ھالدا خەلق بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، بىرلىكتە ئويلاپ، بىرلىكتە ئىشلەپ، ھەرقانداق بوران-چاپقۇن تەۋرىتەلمەيدىغان پۇختا ئاساسقا ئىگە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ