
ئىسپانىيە كوماندىسى ئامېرىكا-كانادا-مېكسىكا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى
ئەمدىلا ئاياغلاشقان ئامېرىكا-كانادا-مېكسىكا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، ئىسپانىيە كوماندىسى قوشۇلما ۋاقىت مۇسابىقىسى ئارقىلىق نۆلگە قارشى بىر نەتىجە بىلەن چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئارگېنتىنا كوماندىسىنى يېڭىپ، 2010-يىللىق جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن كېيىن، كوماندا تارىخىدا 2-قېتىم چېمپىيون بولدى.
ئىسپانىيە كوماندىسى ئىلگىرى 2008-يىلى ۋە 2010-يىلى ئۇدا ياۋروپا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. بۇ قېتىم ئۇلار 2024-يىللىق ياۋروپا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە ئامېرىكا-كانادا-مېكسىكا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئۇدا پەللە يارىتىپ، ئىككىنچى قېتىم ئۇدا چېمپىيون بولۇشتەك نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى.
ئىسپانىيە كوماندىسى بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە بىرلا توپنى كەتكۈزۈپ قويۇپ، دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونى بولغان كوماندىنىڭ يەككە نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە كەتكۈزۈپ قويغان توپى ئەڭ ئاز بولۇشتەك يېڭى رېكورتنى ياراتتى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە يەڭگەندىن كېيىن، ئىسپانىيە كوماندىسى ئۇدا 38 مەيدان ئادەتتىكى مۇسابىقە ۋاقتىدا يېڭىلمەسلىك ھالىتىنى ساقلاپ، ياۋروپا كوماندىسىنىڭ ئەڭ ئۇزاق يېڭىلمەسلىك رېكورتىنى يېڭىلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ