
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2026-يىللىق ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئەسكەرتمىسى
كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار:
خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2026-يىللىق ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئەسكەرتىمىز:
1. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2026-يىللىق ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ھەرقايسى تۈركۈملەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 14:00 تە رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.
2. 7-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 18:00دە، 1-تۈركۈمدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى توردا تەكشۈرۈش سىستېمىسى ئېچىلىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر http://zklqjg.wlmqwe.cn غا چىقىپ، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكا نومۇرىغا ئاساسەن قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدۇ. 1-تۈركۈمدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنمىغان ئوقۇغۇچىلار 2-، 3-تۈركۈمدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە دىققەت قىلىڭلار.
3. ھەرقايسى تۈركۈم قېتىملارنىڭ نومۇر چېكى، قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئورگان سۇپىسىدا ئېلان قىلىنغىنى ئاساس قىلىنىدۇ، باشقا مەنبەلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ. كەڭ ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلاردىن پىتنە-ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىكنى، پىتنە-ئىغۋا تارقاتماسلىقنى سورايمىز. ئەگەر سوئالىڭلار بولسا، خىزمەت ۋاقتىدا مەسلىھەت سوراش تېلېفونى 2956152-0991، 8810105-0991 غا تېلېفون قىلساڭلار بولىدۇ.
چۈشەنگىنىڭلەرگە ۋە قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت!
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى
2026-يىل 7-ئاينىڭ 18-كۈنى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ