

7-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۇسسۇل ئارتىسلىرى ئىجادىي بالېت تىياتىرى «مۇقام ئىزدەش»نى ئورۇنلىماقتا.
7-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە، «شاڭخەي شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش»تىكى نۇقتىلىق تۈر بولۇش سۈپىتى بىلەن، شاڭخەي بالېت ئۆمىكىنىڭ «مۇقام ئىزدەش» ناملىق ئىجادىي بالېت تىياتىرى ئۈرۈمچى چوڭ تىياتىرخانىسىدا قويۇلدى. بۇ تىياتىردا دۇنيا دەرىجىلىك، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى − شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى ئىچكى يادرو قىلىنىپ، ياش مۇزىكانت گۈلىنىڭ يۇرتىغا قايتىش كۆرۈنۈشى ئارقىلىق، ئۇنىڭ بالىلىق ئەسلىمىلىرىنى ئىزدەشتىن مۇقامنىڭ ھازىرقى زامان ھاياتىي كۈچىنى قايتىدىن تونۇشقىچە بولغان يىلتىز ئىزدەش سەپىرى بايان قىلىنغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ