گۇڭئەن مىنىستىرلىقى، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى جىنايىتىگە زەربە بېرىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتتى

دېلوغا چېتىشلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن 2700 دىن ئارتۇقى قايتۇرۇۋېلىندى

2026.07.20 16:23 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ گۇڭئەن مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، گۇڭئەن مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى بېيجىڭدا يىغىن ئېچىپ، ئالاقىدار جايلاردىكى گۇڭئەن ئورگانلىرى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارماقلىرىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى جىنايىتى «يۈن شياۋ»غا زەربە بېرىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرغان.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارماقلىرى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشتىن-ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، گۇڭئەن ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. ئىلگىرىكى يىللاردىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئوغرىلىنىش، يوقاپ كېتىش دېلولىرىنىڭ يىپ ئۇچىنى رەتلەپ، گۇڭئەن ئورگانلىرىنىڭ دېلونى رازۋېدكا قىلىپ بېجىرىشىنى قانات يايدۇرۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسلىشىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئورنىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش كېرەك؛ «12359» مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىش قىزىق لىنىيەسى ۋە جۇڭگونىڭ ئوغرىلانغان (يوقاپ كەتكەن) مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش سۇپىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا دائىر جىنايەت يىپ ئۇچىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش كېرەك.

بىخەتەرلىك ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىخەتەرلىكىگە دائىر بىۋاسىتە مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىخەتەرلىكىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ