
2026-يىلىنىڭ يېرىمى ئۆتكەندە، جۇڭگونىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى ئاكتىپ سىگنالنى كۈتۈۋالدى: يازلىق ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى تۇنجى قېتىم 300 مىليارد جىڭدىن ئېشىپ، پەۋقۇلئاددە ھاۋا رايى كۆپ يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋالدا ھوسۇل ئېشىپ مول ھوسۇل ئېلىش ئشىقا ئاشۇرۇلدى. بۇ مەزگىلدە مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق ھۆكۈم قىلدى: جۇڭگونىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىك ئاساسى يەنىلا مۇستەھكەم، ئومۇمىي تەمىنات كاپالەتكە ئىگە.
دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بۇ يىل جۇڭگونىڭ يازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا كۈزگى بۇغداينى كەڭ كۆلەمدە كېچىكىپ تېرىش، كۈچلۈك ھۆل-يېغىن قاتارلىق پايدىسىز ئامىللارنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، ھوسۇلنى ئاشۇرۇپ مول ھوسۇل ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان. يازلىق ئاشلىق مەھسۇلاتى 301 مىليارد 490 مىليون جىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 2 مىليارد جىڭ ئاشقان.
«جۇڭگونىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېھتىياتچان، ئۈمىدۋار بولۇش كېرەك.» جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېزا ئىگىلىك بايلىقى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى رايونلارغا ئايرىش تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جياڭ ۋېنلەي مۇخبىرغا مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل يازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى پەۋقۇلئاددە ھاۋا رايىنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، مەھسۇلات مىقدارىدا تارىخىي بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ