
7-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى ۋېيشىن سالونىدا ئەڭ يېڭى تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەرنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرۇش ئاساسىي سانىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن چېكى ئېلان قىلىندى.
يېقىندا، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەر 2026-يىللىق تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرۇش ئاساسىي سانىنى تەڭشەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى. بۇ قېتىمقى ئاساسىي ساننى تەڭشەش ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق ئاساسلىنىپ قانات يايدۇرۇلدى، تاپشۇرۇش ئاساسىي سانىنى ئىجرا قىلىش مۇددىتى 2026-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2027-يىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولىدۇ.

تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرۇش ئاساسىي سانىنى يۇقىرى-تۆۋەن چەك بويىچە باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ. ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تاپشۇرغۇچى خىزمەت قىلىدىغان جايدىكى رايون بار شەھەر ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئالدىنقى يىلدىكى ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن يۇقىرى بولماسلىقى، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا تاپشۇرغۇچى خىزمەت قىلىدىغان جايدىكى رايون بار شەھەر ئېلان قىلغان ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ