پامىر ئېگىزلىكىدە ماناس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش بىلەن مەدەنىيەت-ساياھەتنى يۇغۇرۇش يېڭى مېلودىيەسى ياڭرىدى

2026.07.17 15:19 مەنبە: خەلق تورى

بۇ 7-ئاينىڭ 13-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان 12-نۆۋەتلىك ماناس خەلقئارا مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانى.

7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 12-نۆۋەتلىك ماناس خەلقئارا مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى پامىر ئېگىزلىكىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمىدا تارىخىي داستان «ماناس» ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەر ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى باش تېما كۆرگەزمىسى، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش مۇنبىرى ئارقىلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ئاساسى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇلۇپ، جياڭسۇ-جياڭشىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرگەزمىسى، ئاممىۋى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مۇسابىقىسى قاتارلىق مول پائالىيەتلەر يۇغۇرۇلۇپ، چېگرا رايوننىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى تولۇق نامايان قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ