ئىككى تارماق ھۆججەت تارقىتىپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ باھالاش، تەقدىرلەش پائالىيىتىدە مەنئى قىلىنىدىغان ئەھۋاللارنى ئايدىڭلاشتۇردى

2026.07.17 15:20 مەنبە: خەلق تورى

7-ئاينىڭ 16-كۈنى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مەركىزىي كومىتېت جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى «ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ باھالاش، تەقدىرلەش پائالىيىتىنى باشقۇرۇش چارىسى»نى ئېلان قىلىپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ باھالاش، تەقدىرلەش پائالىيىتىنىڭ چېكى، باھالاش، تەقدىرلەش تۈرىنى يولغا قويۇشنىڭ ھەرىكەت ئۆلچىمى ۋە مەنئى قىلىنىدىغان ئەھۋاللار قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇردى. بۇ چارە 2026-يىل 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، ئەسلىدىكى «ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار باھالاش، ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش، تەقدىرلەش پائالىيىتىنى باشقۇرۇش چارىسى» بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىندى.

چارىدە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار باھالاش، تەقدىرلەش تۈر تىزىملىكىدىن باشقا بەش تۈرلۈك پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشتا، تەقدىرلەش، باھالاش، مۇكاپاتلاش قاتارلىق شەكىللەردە قانات يايدۇرۇشقا بولمايدۇ، ھۆججەت تارقىتىش، ۋىۋىسكا بېرىش قاتارلىق شەكىللەردە مۇئەييەنلەشتۈرۈش، نام بېرىشكە بولمايدۇ. بۇ بەش تۈرلۈك پائالىيەت كەسپىي پائالىيەت دائىرىسىدىكى كۆرگەزمە قىلىش، ئالماشتۇرۇش، ئىلمىي باھالاش، ئىلمىي ماقالە قوبۇل قىلىش، مىسال تەۋسىيە قىلىش ۋە باشقا ئالاقىدار مۇئەييەنلەشتۈرۈش، باھالاش، كەسىپ، ساھەلەردىكى ئاشكارىلاشقا بولىدىغان سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش، تەنتەربىيە مۇسابىقىسى، ماھارەت مۇسابىقىسى، ھەربىي مەشىق، ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى قاتارلىق مۇسابىقىلەر، ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش، سىناق قىلىش، ئالدىن يولغا قويۇش خىزمىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ