ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو | مائېرجۇاڭنىڭ قوي ئىقتىسادى

2026.07.17 15:04 مەنبە: خەلق تورى

خەلق تورى مۇخبىرى جاۋ ۋېنرۇي

يازنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، نىڭشيانىڭ ۋۇجۇڭ شەھىرى يەنچى ناھىيەسىدىكى كەڭ زېمىن ياپيېشىل ئوت-چۆپلەر بىلەن قاپلانغان بولۇپ، ئىلگىرىكى ھە دېسىلا قۇم-بوران چىقىدىغان كۈنلەر ئاللىقاچان رىۋايەتكە ئايلانغانىدى.

ئېتىز باشلىرىغا بارغىنىمىزدا، كۆپچىلىك «ئېكولوگىيە بارغانسېرى ياخشىلاندى، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى»، «قويلارنى ياخشى بېقىپ، يەنچى قويىدىن ئىبارەت بۇ داڭلىق ماركىنى ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك» دېگەندەك تېمىلارنى ئەڭ كۆپ تىلغا ئالدى ...

يەنچى ناھىيەسى مائېرجۇاڭ كەنتىنىڭ يازلىق مەنزىرىسى. يەنچى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى فوتوسى

يەنچى ناھىيەسىنىڭ فېڭجىگوۋ يېزىسى ماۋۋۇسۇ قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى دەرەخلىرى شالاڭ ئوتلاققا جايلاشقان بولۇپ، مائېرجۇاڭ كەنتى يېزىدىكى تەنياڭ قويى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى چولپان كەنت ھېسابلىنىدۇ، كەنت ئېغىزىدىكى «يەنچى ناھىيەسى تەنياڭ قويى 1-كەنتى» دېگەن بەلگە تەنياڭ قويىنىڭ مائېرجۇاڭدىكى ئالاھىدە ئورنىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ.

ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، مائېرجۇاڭ كەنتىدە قەدىمدە مايى قۇدۇقى بار بولۇپ، 1917-يىلى ماجۇاڭ دەپ ئىسىم قويۇلغان، كېيىن نامى مائېرجۇاڭغا ئۆزگەرتىلگەن.

مائېرجۇاڭنىڭ كەنت ئاھالىسى ۋاڭ شىنفۇ ھويلا ئالدىدا ئولتۇرۇپ مۇخبىر بىلەن مۇڭداشقاچ مۇنداق دېدى:«ئىلگىرى ھەممە يەردە قۇم-بوران ئۇچۇپ تۇراتتى، قويلارنىڭ قورسىقى تويمايتتى، قىش پەسلىنى ئۆتكۈزۈش ئەڭ تەس بولۇپ، دائىم قويلار توڭلاپ ئۆلۈپ قالاتتى.»

مائېرجۇاڭ كەنتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بەي شۆفېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«قويلارنىڭ قورسىقى تويمايدىغان دەۋر ئۆتۈپ كەتتى!»

كەنت «تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق+» بىر گەۋدىلەشكەن ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنى ۋاسىتە قىلىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، ئۆز ئالدىغا 10 مىڭ 700 مو يەرگە سىلوس قونىقى تېرىپ، تەنياڭ قويى كەسپىنى ئەلا سۈپەتلىك يەم-خەشەك كاپالىتىگە ئىگە قىلدى؛ كەنت كوللېكتىپى يېتەرلىك يەم-خەشەك بازىسىغا تايىنىپ، يەر كۆلىمى 350 مو كېلىدىغان، بېقىلىۋاتقان قوي 2300 تۇياقتىن ئاشىدىغان، يىلدا 5000 قوي قوتاندىن چىقىرىلىدىغان ئېكولوگىيەلىك چارۋىچىلىق مەيدانى قۇردى، بۇ يىل كېڭەيتىپ قۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، يىللىق قوتاندىن چىقىرىلىش مىقدارىنىڭ 10 مىڭدىن ئېشىشى مۆلچەرلەندى.

مائېرجۇاڭ كەنتى تەنياڭ قويى باقمىچىلىقى. يەنچى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى فوتوسى

«ئائىلىمىزدە ھازىر 500 قوي بار، ئاساسلىقى نەسىللىك قوچقار بىلەن ساغلىق بېقىشنى ئاساس قىلىمىز، تۆللىگەن قوزىلارنىڭ ھەربىرىنى ئەڭ تۆۋەن باھا بويىچە 798 يۈەنگە ساتالايمىز، بۇلتۇر قوي بېقىشتىن قىلغان كىرىمىمىز 100 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.» بۇ يىل 55 ياشقا كىرگەن كەنت ئاھالىسى ۋاڭ شىنفۇ ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىدە قوي بېقىشتىن ئۆزى كەنتتىكى باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسىگە ئايلىنىشقىچە، يەنچى ناھىيەسىدە يايلىتىپ بېقىش، قوتاندا بېقىش ۋە مەسئۇل بولۇپ بېقىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل قوي بېقىش ئەندىزىسىنى باشتىن كەچۈردى، باقمىچىلىق يۆنىلىشى «قوي بورداش»تىن «تۆللەپ بېقىش»قا ئۆزگەردى، يېرىم ئەسىردىن بۇيان، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ خۇشاللىقى ۋە قايغۇسى قويدىن ئايرىلىپ باقمىدى. يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ۋاڭ شىنفۇ بىلەن خوتۇنى تەدرىجىي قوي بېقىشتىن چېكىنىپ، بالا-چاقىلىرىنىڭ خۇشال-خۇرام ئويۇن-تاماششاسىغا جۆر بولماقتا.

مائېرجۇاڭ كەنتى تەنياڭ قويىنى سېتىشتىن غەم قىلمايدۇ، تىجارەت مېخانىزمى جەھەتتە، مائېرجۇاڭ «پارتىيە ياچېيكىسى+ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى+كارخانا» بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تەنياڭ قويى گۇرۇھى، شىنخەي يېمەكلىك شىركىتى قاتارلىق باشلامچى كارخانىلار بىلەن «زاكازلىق بېقىش، كاپالەتلىك باھادا سېتىۋېلىش» توختامى ئىمزالاپ، تۆۋەن چەككە كاپالەتلىك قىلىپ سېتىۋېلىش ئارقىلىق باقمىچىلىق كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كەنت كوللېكتىپ ئېكولوگىيەلىك چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك يۈرۈشۈشى ۋە باقمىچىلارنىڭ كىرىمىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلدى.

مائېرجۇاڭ كەنتى تەنياڭ قويى يىغىش-تارقىتىش مەركىزى كۆرگەزمە زالى. يەنچى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى فوتوسى

فېڭجىگوۋ يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى داڭ شياۋيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تەنياڭ قويى كەسپى پۈتۈن ناھىيەنىڭ «1-نومۇرلۇق كەسىپ»ى، شۇنداقلا يېزىنىڭ يادرولۇق باقمىچىلىق كەسپى ھېسابلىنىدۇ، نۆۋەتتە پۈتۈن يېزىدا تەنياڭ قويىدىن جەمئىي 170 مىڭى بار بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 10 مىڭ تۇياق كۆپىيىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.5 ئاشتى، پۈتۈن يېزىدىكى سەككىز كەنتنىڭ ھەممىسى ئاپتونوم رايون بويىچە تەنياڭ قويى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى بولۇپ باھالاندى، قوي سانى 1000 تۇياقتىن ئاشىدىغان كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق مەيدانىدىن جەمئىي 16 سى، 300 تۇياقتىن ئاشىدىغان كۆلەملەشكەن چارۋىچىلىق مەيدانىدىن 208 ى بار.

ھازىرغا قەدەر، يەنچى ناھىيەسى تەنياڭ قويى باقمىچىلىق ئائىلىسىدىن جەمئىي 10 مىڭدىن ئارتۇقنى تەرەققىي قىلدۇردى، تەنياڭ قويىنىڭ بېقىلىش مىقدارى مۇقىم ھالدا 3 مىليون 300 مىڭدىن ئاشتى، پۈتۈن ناھىيەدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى تەنياڭ قويى كەسپىدىن بىۋاسىتە كەلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ