
بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى سەھەردە، 2026-يىللىق ئامېرىكا-كانادا-مېكسىكا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مەيدان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى باشلاندى. ئىسپانىيە كوماندىسى يەنە بىر قېتىم فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ "كۈشەندە"سىگە ئايلاندى، ئويارزابالنىڭ نۇقتا توپ كىرگۈزۈشى ۋە پولونىڭ ھۇجۇم توپى كىرگۈزۈشى بىلەن، 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى تولۇق يېڭىپ، كوماندا تارىخىدا 2-قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىردى.

شۇ جاي ۋاقتى 2026-يىل 7-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ توپچىسى ئويارزابال (ئوڭدا) نۇقتا توپ تەپمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ شىڭيۈ فوتوسى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ