دۆلىتىمىزنىڭ GDP سى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.7 ئاشتى، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 22 مىڭ 981 يۈەنگە يەتتى

2026.07.15 16:18 مەنبە: خەلق تورى

7-ئاينىڭ 15-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يېرىم يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دەسلەپكى ھېسابلاشقا قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 69 تىرىليون 570 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.7 ئاشقان. پەسىلگە ئايرىپ قارىغاندا، 1-پەسىلدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.0 ئاشقان، 2-پەسىلدە %4.3 ئاشقان. سېلىشتۇرما نىسبەتتىن قارىغاندا، 2-پەسىلدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %0.9 ئاشقان.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 22 مىڭ 981 يۈەن بولغان

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 22981 يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %5.2 ئاشقان، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە ئەمەلىيەتتە %4.2 ئاشقان. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنىڭ سېلىشتۇرما قىممىتى (يېزا ئاھالىلىرى 1) 2.37 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.05 كىچىكلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ