ئىككى تارماق سۇغۇرتا خېرىدارلىرى ساياھىتى قاتارلىق ناملاردىن پايدىلىنىپ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشتىن ھوشيار بولۇشنى ئەسكەرتتى

2026.07.15 16:14 مەنبە: خەلق تورى

پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش–باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى «سۇغۇرتا خېرىدارلىرى ساياھىتى» نامىدىن پايدىلىنىپ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشتىن ھوشيار بولۇش توغرىسىدا خەۋپ–خەتەر ئەسكەرتمىسى چىقىرىپ، كەڭ ئىستېمالچىلارغا مۇنتىزىم ساياھەت كوپىراتىپلىرى تەشكىللىگەن ساياھەت ئۆمىكىنى تاللاپ ساياھەتكە چىقىپ، ئۆزىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە مال–مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى ئەسكەرتتى.

يېقىنقى مەزگىلدە جەمئىيەتتە «سۇغۇرتا تالونى خېرىدارلىرى مەخسۇس بەھرىمەن بولىدىغان ساياھەت ياردەم پۇلى»، «سۇغۇرتا شىركىتى ھەقسىز ساياھەت قىلدۇرۇش»، «سۇغۇرتا مالىيە باشقۇرۇش خېرىدارلىرى مەخسۇس بەھرىمەن بولۇش» قاتارلىقلارنى ساختا تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنى مۇنتىزىم بولمىغان ساياھەت ئۆمەكلىرىگە قاتنىشىشقا يېتەكلەش ئەھۋالى كۆرۈلگەن، بۇ ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، ساياھەت بازىرىنىڭ تەرتىپىنى ئېغىر قالايمىقانلاشتۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ