
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن 7-ئاينىڭ 14-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سوئالغا جاۋاب بەرگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ خاككېرلىق ھەرىكىتىگە ئىزچىل قارشى تۇرىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، سىياسىي مەقسەت بىلەن تور بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى ساختا ئۇچۇرلارنى تارقىتىشقا قارشى تۇرىدۇ. ئامېرىكا ئۇزاقتىن بۇيان پۈتۈن دۇنياغا سىستېمىلىق تور ھۇجۇمى قىلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامېرىكا جۇغراپىيەلىك سىياسىي مەقسەتنى چىقىش قىلىپ، رايون دۆلەتلىرىنى كۆپ قېتىم ئۆزىگە تارتىپ، «تور بىخەتەرلىكى»نى باھانە قىلىپ جۇڭگوغا تۆھمەت قىلدى. جۇڭگو بۇنىڭغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرىدۇ، قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز ئالاقىدار دۆلەتلەرنى جۇغراپىيەلىك سىياسىي قورال بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو «تور ھۇجۇمى» قىلدى دېگەن ساختا ئۇچۇرنى تارقىتىشىدىكى قولچوماقچىسىغا ئايلىنىپ قالماسلىققا نەسىھەت قىلىمىز.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ