
گېزىتىمىز مۇخبىرلىرى لى جۈنچياڭ، خۇاڭ شياۋخۇي
«دۆلەت پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقاتچىل داشۆ قاتارلىقلارنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭىچە تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كارخانىلار يېتەكچىلىكىدىكى ئىشلەپچىقىرىش-ئوقۇتۇش-تەتقىقات-قوللىنىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇل تەتقىقات، ئەمەلىي قوللىنىش-ئېچىش، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشتىكى يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنى تۇتاشتۇرۇش كېرەك.»
− 2026-يىل 4-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى
7-ئاينىڭ 13-كۈنى، شاڭخەي ياڭپۇ رايونى، زۇچۈەن تەتقىقات يۇرتى مېڭىسىمان ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەلگۈسى يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىدە، ئەمدىلا سىناق قىلىش تاماملانغان مېڭىسىمان ھېسابلاش تاختىسى مۇلازىمېتىرغا ئۇلاندى.
كۆپ يىللاردىن بۇيان، فۇدەن داشۆسى كەلگۈسى ئۇچۇردا يېڭىلىق يارىتىش شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى زوۋ جو كوللېكتىپى مېڭىسىمان ئۆزەكتە ئۆتكەلگە سىجىل ھۇجۇم قىلىپ، ئىمپۇلس نېرۋا تورى نەزەرىيە تەتقىقاتىدىن باشلاپ، ئاخىر ئاچقۇچلۇق بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.
ئۇل تەتقىقات پۈتكۈل ئىلىم-پەن سىستېمىسىنىڭ مەنبەسى، بارلىق تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنىڭ باش ئورگىنى، «0 دىن 1 گىچە» بولغان بىر قەدەمنى باسقاندىن كېيىن، «1 دىن 100 گىچە» بولغان ھالقىشنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؟
7 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەت پەن ـ تېخنىكا مۇكاپاتى تارقىتىش يىغىنى، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك 11 - قۇرۇلتىيىدا مۇنداق كۆرسەتتى: «دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن ـ تېخنىكا كۈچلىرىنىڭ باشقا پەن ـ تېخنىكا كۈچلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشىنى قوللاپ، پەن تەتقىقات ۋەزىپىسى، سۇپا بازىلىرى، ئاچقۇچلۇق ئىختىساسلىقلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ سەپلەپ، ئۇل تەتقىقات، پىروگرامما ئېچىش، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشنى قاپلىغان سىستېمىلاشقان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.»
2026-يىلى 4-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «دۆلەت پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقاتچىل داشۆ قاتارلىقلارنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭىچە تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئاپپاراتلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە قېلىپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كارخانىلار يېتەكچىلىكىدىكى ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، قوللىنىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇل تەتقىقات، پىروگرامما ئېچىش، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشتىكى يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنى تۇتاشتۇرۇش كېرەك.»
ئۇل تەتقىقاتتىن كەسىپتە قوللىنىشقىچە، زوۋ جو كوللېكتىپى ئۈزلۈكسىز ئىزدەندى. رايون بىلەن مەكتەپ ئورتاق قۇرۇش سۇپىسىدا ئۇقۇمنى دەلىللەش قانات يايدۇرۇلدى، تۈر دىرېكتورلىرى دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلدى، تاقەتلىك كاپىتاللار سىجىل سېلىندى، كەلگۈسى كەسىپلەر توپلانغان رايون قوللىنىش مەنزىرىسى بىلەن تەمىنلىدى. ..تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرى بىر - بىرىگە زىچ باغلىنىپ، ئۇل تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كەسىپلەرنىڭ بىرىنچى سېپىگە يۈزلەندۈردى.
ئوخشاش بولمىغان يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتلىرىنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى بار، ھەرقايسىسى ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئامىلىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك سەپلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، قوللىنىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولغاندىلا، ھەقىقىي تۈردە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى «ئاچقۇچلۇق ئۆزگىرىش مىقدارى»نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى «ئەڭ زور ئېشىش مىقدارى»غا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.
يېتەكلەش رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش نەتىجىسىدە، دۆلەت پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقاتچىل داشۆلەر سىجىل تۈردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچىدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىشتە ئالدىن كۆرەر، ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياج يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بايلىق تەقسىملەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى ئاساسىي نەزەرىيە تىرىكى ۋە تېخنىكا مەنبەسى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.»
دېڭىز-ئوكياننى كۆزىتىپ تەكشۈرۈش ئۇل تەتقىقاتىغا قارىتا، شەندۇڭ چىڭداۋغا جايلاشقان لاۋشەن تەجرىبىخانىسى چوڭقۇر دېڭىز ئەسلىي ئورنى گېئولوگىيە پەن-تېخنىكىسى بويىچە كۆزىتىپ تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇپ، ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئاچقان ئەسلىي ئورۇن نۇر سىپېكتىرى بويىچە كۆزىتىپ تەكشۈرۈش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، دۇنيادا تۇنجى قېتىم تەركىبىدە ھىدروگېن بولغان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىپتىكى ئىسسىق سۇيۇقلۇق رايونى «كوئېنلۇن»نى بايقىدى.
بۇ يىل تەجرىبىخانىدىكى پەن تەتقىقات كوللېكتىپى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئادەمسىز چۆككۈگە تايىنىپ، «كوئېنلۇن» ئىسسىق سۇيۇقلۇقى رايونىنى قايتا زىيارەت قىلىپ، ئەسلىي ئورنىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، «يادرولۇق نەزەرىيە ئىجادىيىتى − تېخنىكا جابدۇقلىرىنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياساش − چوڭقۇر دېڭىز ئەسلىي ئورنىدا دەلىللەش»تەك ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى.
دىققەت ئالدىنقى قاتاردىكى ياسىمىچىلىق تېخنىكىسى ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، غەربىي جەنۇب قاتناش داشۆسى تەشكىللىك پەن تەتقىقاتنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئاتوم قەۋىتىنى چىقىرىۋېتىش تېخنىكىسىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، 20 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاتوم دەرىجىلىك ياساش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىق تېخنىكىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئېنىقلىق دەرىجىسىنى كونترول قىلىش ۋە پەۋقۇلئاددە نازۇك پىششىقلاشتىكى ئاسارىتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.
ئۇل تەتقىقات كۈچىنى زورايتىپ، يېڭى تىپتىكى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئاپپاراتلىرى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ «سۈرئەتنى ئاشۇردى».
خۇبېي ۋۇخەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش-تەرەققىي قىلدۇرۇش تەتقىقات يۇرتىدا، كۆرگەزمە زالىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى «يېڭىلىق يارىتىش ئاممىلىرىنى توپلاش ئارقىلىق سۈپەتتە ئۆزگىرىش ياساش، يېڭىلىق ياراتقاندىلا يېڭى ئەندىزە بەرپا قىلغىلى بولۇش»تىن ئىبارەت تەتقىقات يۇرتى باشقۇرۇش ئىدىيەسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتاتتى.
ئۇل تەتقىقات نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشتا، كۆپ ھاللاردا تەجرىبىخانىدىن بازارغا ئايلىنىدىغان «دارۋېن دېڭىزى»دىن ھالقىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ۋۇخەن كەسىپلەردە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتى «مەبلەغ ئاجرىتىش، پاينى ئايلاندۇرۇش» مېخانىزمىنى ئىجادىي يولغا قويۇپ، مالىيە مەبلىغى ئارقىلىق پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ ئۇقۇمنى دەلىللەش، كىچىك سىناق، ئارىلىق سىناق ۋە مىقدارلىق ئىشلەپچىقىرىشنى زورايتىش قاتارلىق باسقۇچلارنى تاماملاشقا مەدەت بېرىپ، كارخانىلارنى بازارلىشىپ تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا كىرگەندىن كېيىن پاي ھوقۇقى ھوقۇقى شەكلىگە ئايلاندۇرۇپ، ھەم نەتىجىنى ئايلاندۇرۇش خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلەتتى، ھەم مالىيە مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.
بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەن تەتقىقات يۇرتى-ئورۇنلىرىدىن كەلگەن بىر تۈركۈم تۈرلەر تېز يېتىشتۈرۈلۈپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش يوللىرى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇلدى.
…
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ