
گېزىتىمىز مۇخبىرلىرى ليۇ شىياۋ، يۈ سىنەن
2026-يىلى 4-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:«بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، ئۇل تەتقىقات سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. ‹تۆتكە يۈزلىنىش› ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇل تەتقىقاتنىڭ ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى ۋە نۇقتىلىق ساھەلىرىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.»
7-ئاينىڭ 10-كۈنى، خەينەن تىجارەتلىك ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىدا، چاڭجېڭ 10-نومۇرلۇق B تىپلىق توشۇغۇچى راكېتا تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچتى، دۆلىتىمىز توشۇغۇچى راكېتانى تۇنجى قېتىم كونترول قىلىپ قايتۇرۇپ كېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. جۇڭگو ئالەم قاتنىشىدا بىر-بىرلەپ قولغا كەلگەن تارىخىي نەتىجىلەر ماتېرىيال تەييارلاش، ئاقار جىسىم دىنامىكىسى، ئالەم بوشلۇقى فىزىكىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇل تەتقىقاتتا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ.
7-ئاينىڭ 8-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەت پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى تارقىتىش يىغىنى، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 11-قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا مۇنداق تەكىتلىدى:«‹تۆتكە يۈزلىنىش› ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پەن-تېخنىكا ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانى، سىياسەت-تەدبىرلىرى، مۇھىم ۋەزىپىسى، پەن تەتقىقات كۈچى، بايلىق سۇپىسى، رايون يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىن بىرتۇتاش پىلانلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پەن-تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تەشكىللەش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.»
2020-يىلى 9-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالىملار سۆھبەت يىغىنىدا «تۆتكە يۈزلىنىش»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «دۇنيا پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىش، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىش، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئېھتىياجىغا يۈزلىنىش، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى. 2026-يىلى 4-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:«بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، ئۇل تەتقىقات سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. ‹تۆتكە يۈزلىنىش› ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇل تەتقىقاتنىڭ ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى ۋە نۇقتىلىق ساھەلىرىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.»
كەڭ پەن تەتقىقات خادىملىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلەتتى.
دۇنيا پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىپ، ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىش پەن-تېخنىكا ئارقىلىق باشلامچى بولۇش، ئەگىم يولدا ئېشىپ كېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر.
باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ مۇنداق دېدى:«دۇنيا پەن -تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىنى دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانى بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك.»
خېبېي شىجياجۇاڭغا جايلاشقان جۇڭگو ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا كەسپى ئۇل تەتقىقات ئورنىدا، تۆۋەن ئوربىتىلىق سۈنئىي ھەمراھ ئالاقە تورى خەۋەرلىشىش زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ باشلىقى جاڭ لېي كوللېكتىپنى باشلاپ، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان رادىيو چاستوتىسىنى يۇقىرى زىچلىقتا توپلاشتۇرۇش تېخنىكىسى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، تۆۋەن ئوربىتىلىق سۈنئىي ھەمراھ خەۋەرلىشىش زاپچاسلىرىنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياساش ھەم تېز سۈرئەتتە تاپشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.
2023-يىلى 5-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا كەسپى ئۇل تەتقىقات ئورنىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:«جەزمەن دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى كۆزلەپ، ئاچقۇچلۇق يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك.»
جاڭ لېي مۇنداق دېدى:«بىز تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ ئىجادىي نەتىجىلەرنى يارىتىمىز. كوللېكتىپىمىز تەتقىق قىلىپ ياسىغان سەككىز دولقۇنلۇق فازا كونتروللۇقى ئەنئەنىۋى زاپچاسلارغا سېلىشتۇرغاندا، ھەجىمى، ئېغىرلىقى %50 كىچىكلىگەن، قوبۇل قىلىش قۇۋۋەت سەرپىياتى %50 تۆۋەنلىگەن بولۇپ، سۈنئىي ھەمراھ ئالاقە تورىنىڭ تۆۋەن تەننەرخلىق، تېز سۈرئەتتە تور تەشكىللەش ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ماسلاشقان.»
ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىشتە، ئۇل تەتقىقات ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم كۈچ.
خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ جيايۈ ناھىيەسى پەنجياۋەن بازىرىدىكى قىشلىق كاللەكبەسەي تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزىدە، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى كۆكتات، گۈل-گىياھ تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ ياڭيۇڭ كوللېكتىپى سورت يېتىشتۈرۈش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېز قانات يايدۇرماقتا.
2024-يىل 11-ئاينىڭ 5-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ پەنجياۋەن بازىرىدىكى شىلى كۆكتات كارىدورىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى:«زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا، جەزمەن پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا تايىنىپ، پەن-تېخنىكىنى يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۈكسەلدۈرىدىغان قانات بىلەن تەمىنلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش شەرت.»
قىشلىق كاللەكبەسەي ئاساسلىقى چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىغا تارقالغان بولۇپ، نۆلدىن تۆۋەن ئالتە سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا تاقابىل تۇرۇشقا ئېھتىياجلىق. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان سورتلارنىڭ سوغۇققا تاقابىلچانلىقى كۈچلۈك بولمىغاچقا، بازاردىكى %90 قىشلىق كاللەكبەسەي ئۇرۇقى ئىمپورت قىلىناتتى.
پۇقرالارنى سەي-كۆكتاتلارنى تېخىمۇ خاتىرجەم، تېخىمۇ تولۇق سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتا ئۇرۇق مەنبەسىنى ئۆز ئالدىغا كونترول قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. جاڭ ياڭيۇڭ كوللېكتىپى يېتىشتۈرگىلى بولمايدىغان، سوغۇققا، كېسەلگە تاقابىل تۇرالمايدىغان كاللەكبەسەي ماتېرىيالىنى يېتىشتۈرگىلى بولىدىغان ماتېرىيالغا ئايلاندۇرۇپ، ئىشلەتكىلى بولىدىغان بايلىق كەمچىل بولۇشتەك بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلىدى.
«جاڭ ياڭيۇڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى:«بەش يىل ئىچىدە قىشلىق كاللەكبەسەي سورتىنىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىش نىسبىتىنى %90 تىن كۆپرەككە يەتكۈزۈشكە تىرىشىمىز! »
دۆلەتنىڭ مۇھىم ئېھتىياجىغا يۈزلىنىشتە، «چاڭئې» ئايغا يۈزلەندى، «بېيدوۋ» يول كۆرسەتتى، «جۇرۇڭ» مارسنى تەكشۈردى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنىڭ يىلتىزى ئۇل تەتقىقاتنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتتى.
2022-يىلى، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ ئالەم بوشلۇقى پونكىتى ياشلار كوللېكتىپى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.
باش شۇجى جاۋاب خەت قايتۇرۇپ كۆپچىلىكنى «باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئالەم بوشلۇقى ئارزۇسىغا ئىنتىلىش مۇساپىسىدە ياشلىق باھارىنى جۇلالاندۇرۇپ، دۆلىتىمىز ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكىسىدا يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك» دەپ ئىلھاملاندۇردى.
بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتى ئۆز ئالدىغا قۇرۇش، مۇستەقىل ئايلىنىشنى تاماملىدى. بۇ قوشۇن باشتىن-ئاخىر بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ، ئالەم بوشلۇقى ئائىلىسىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشۈشىگە كۈچ قوشتى.
«بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن رەقەملىك ئالەم بوشلۇقى پونكىتى بەرپا قىلىپ، مەۋھۇم تەقلىدىي تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، كېڭەيتىلگەن بۆلۈمچىنى تۇتاشتۇرۇش، قۇراشتۇرۇش ۋە يۈرۈشتۈرۈشنى ئالدىن تەقلىد قىلىپ، مانېۋىر قىلىپ، ئالەم بوشلۇقىغا ھەقىقىي چىقىشتىكى خەۋپنى تۆۋەنلەتتۇق.» بوشلۇق پونكىتى قۇرۇش ياشلار كوللېكتىپىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ ۋېي ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي يېڭى تېمىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلدى.
خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا يۈزلىنىپ، تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك ساھەسىدىكى ئۇل تەتقىقات ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلدى.
2018-يىل 5 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ داشۆسىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «ئالىي مەكتەپلەر پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن تەتقىقات خادىملىرى پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم قوشۇن».
سەككىز يىلدىن بۇيان، بېيجىڭ داشۆسى دېڭ خۇڭكۇي كوللېكتىپى كىلىنىكىدىكى ھەقىقىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، «خىمىيەلىك كىچىك مولېكۇلا ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرنى يېتەكلەپ قايتا تۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش» يېڭى تېخنىكىسىنى ئىجاد قىلىپ، قايتا ھاسىل قىلىش مېدىتسىناسى ئارقىلىق مۇھىم كېسەللەرنى داۋالاش ئۈچۈن يول ئاچتى.
«بۇ يېڭى تېخنىكا كىلىنىكىدا قوللىنىش جەھەتتە تېخىمۇ ياخشى بولغان بىخەتەرلىككە، تىزگىنلىنىشچانلىققا ئىگە.» دېڭ خۇڭكۇي مۇنداق تونۇشتۇردى: ئالاقىدار كىلىنىكىلىق تەجرىبىلەر ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭ دىيابېت كېسىلىنى داۋالاشقا كۈچ قوشۇشىدىن ئۈمىد بار.
«تۆتكە يۈزلىنىش»تە چىڭ تۇرۇپ، كۈچلۈك ئۇل تەتقىقات ۋە دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى يارىتىپ، كەڭ پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ مۇھىم ئىجادىي، ئاغدۇرما خاراكتېرلىك پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى داۋاملىق يارىتىشىنى قوللاپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ