
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 7-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىقتىسادىي ۋەزىيەت مۇتەخەسسىسلىرى ۋە كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى قەدەمدىكى ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى.
سۆھبەت يىغىنىدا، خۇاڭ خەنچۈەن، ياڭ جىيۇڭ، ۋاڭ ۋېن، جاڭ جۈن، خوۋ چىجۈن، يۈ دۇڭلەي، ۋاڭ جىجيەن، لى جۈن قاتارلىقلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن، داۋالغۇش كەسكىنلىشىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولۇپ، يېڭى قۇۋۋەت تېز زورىيىپ، ئۆز تەرەققىياتىمىزنىڭ ئېنىقلىقى ئارقىلىق تاشقى مۇھىتنىڭ ئېنىقسىزلىقىغا كۈچلۈك تاقابىل تۇردۇق. گەرچە يەنىلا بەزى خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا دۇچ كەلگەن بولساقمۇ، لېكىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ زاپاس كۈچى سىجىل ئاشتى. كۆپچىلىك يەنە ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىدە ساقلانغان زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسىدا پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇتەخەسسىسلەر ۋە كارخانىچىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، لى چياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار دۆلەتنىڭ ماكرولۇق سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك پايدىسىز ئامىللارنى يېڭىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولدى. ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ تونۇپ، ھەم قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ھەم ساقلانغان مەسىلىلەرنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىدە كۆرۈلگەن يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى يۈزلىنىشكە قارىتا، چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، پىكىر يۈرگۈزۈپ، مېخانىزمنى تەتقىق قىلىپ، داۋلىنى تەھلىل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، پايدىلىق تەرەپكە تېخىمۇ ياخشى يۈزلىنىپ، زىيانلىق تەرەپتىن ساقلىنىش كېرەك. ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، بولۇپمۇ دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا يۆتكەلگەنلىكىنى، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشنىڭ ئىچكى تىرىكىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملەنگەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىش كېرەك.
لى چياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پۈتۈن يىللىق تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، «15-بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاشقا مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش سالمىقىنى زورايتىپ، ساقلانما مىقدار سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تولۇق پايدىلىنىپ، ئاشۇرما مىقدار سىياسىتىنى ئالدىن تەتقىق قىلىپ، زاپاس ساقلاپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك. سىستېمىلىق تەدبىر يۈرگۈزۈپ ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئەلا مۇلازىمەت تەمىناتىنى كېڭەيتىپ، ئىستېمالنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى تېز يېتىلدۈرۈش كېرەك. ماددىغا مەبلەغ سېلىش بىلەن ئادەمگە مەبلەغ سېلىشقا ماسلىشىپ كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپ، تەربىيەلەش قاتارلىق ئادەم كۈچى كاپىتالى سېلىنمىسىنى كۈچەيتىپ، داۋالاش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ھاۋالىلىك بېقىش قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش داۋامىدا ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش كېرەك. يېڭى، كونا قۇۋۋەتنىڭ مۇقىم داۋاملىق ئالمىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ياسىمىچىلىقتا رەقەملەشتۈرۈپ، ئاقىللاشتۇرۇپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق بىلەن زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سۈنئىي ئەقىل قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنى كۆلەملەشتۈرۈپ، تاۋارلاشتۇرۇپ قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى كەسىپ، يېڭى مۇسابىقە يوللىرىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىلارنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، سىغىمنى كېڭەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى ياخشى يولغا قويۇپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى ئىش ئورۇنلىرىنى پائال كېڭەيتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كارخانىلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىنى قوللاش كېرەك.
لى چياڭ كەڭ كارخانىچىلارنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئېھتىياج دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش پۇرسىتىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى. مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ كەسپىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئالدىن كۆرەر تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، ئىجابىي پىكىرلەرنى كۆپرەك بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى.
ۋۇ جېڭلۇڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ