ۋاڭ خۇنىڭ 11-نۆۋەتلىك دۇنيا خۇاچياۋ، خۇارېنلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى بىرلەشمە دوستلۇق يىغىنىنىڭ بارلىق ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2026.07.14 15:06 مەنبە: خەلق تورى

11-نۆۋەتلىك دۇنيا خۇاچياۋ، خۇارېنلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى بىرلەشمە دوستلۇق يىغىنى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشقان بارلىق ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىكنى قىزغىن قارشى ئالدى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى گەنجيې كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: چەت ئەلدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم قاتناشقۇچىسى، جۇڭگو بىلەن دۇنيانى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە. چەت ئەلدىكى كەڭ چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «يىلتىز»، «روھ»، «ئارزۇ» توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تارىخىي پۇرسەتنى ئىگىلەپ، دەۋر قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشىنى، چياۋمىنلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىغا پائال تۈرتكە بولۇشىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن چياۋمىنلار ساھەسىنىڭ يېڭى كۈچىنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

دۇنيا خۇاچياۋ، خۇارېنلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى بىرلەشمە دوستلۇق يىغىنى دۇنيادىكى خۇاچياۋ، خۇارېنلارنىڭ ئاساسلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ دوستلۇق باغلاش، ئالماشتۇرۇشىدىكى مۇھىم سۇپا. بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا «چياۋمىنلارنىڭ قەلبىنى مۇجەسسەملەش، چياۋمىنلارنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەش، تەرەققىياتنى كۆزلەش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، 140 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن خۇاچياۋ، خۇارېنلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ 400 دىن ئارتۇق مەسئۇلى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ