
جۇڭگو نېفىتى تارىم نېفىتلىكى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى مۇنداق ئېلان قىلدى: شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشتىكى ئاساسلىق گاز مەنبەسى بولغان جۇڭگو نېفىتى تارىم نېفىتلىكىنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىم رايونلارنى تەمىنلىگەن تەبىئىي گاز مىقدارى جەمئىي 400 مىليارد كۇب مېتىرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 400 مىليارد 339 مىليون 400 مىڭ كۇب مېتىرغا يېتىپ، تۆۋەن ئېقىندىكى 15 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، 120 دىن ئارتۇق چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى شەھەر، 500 مىليونغا يېقىن ئاھالىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا گاز ئىشلىتىشىنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.
تارىم نېفىتلىكىنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، 400 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز تەخمىنەن 510 مىليون توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنىڭ ئورنىنى ئالغانغا باراۋەر بولۇپ، تەخمىنەن 520 مىليون توننا كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئازايتىدۇ، بۇ تەخمىنەن 75 مىليون گېكتار ئورماننىڭ بىر يىللىق مۇقىم كاربون مىقدارىغا باراۋەر بولۇپ، چاڭجياڭ دېلتىسى كۆلىمىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدىغان تۇتاش كەتكەن غايەت زور ئورمانلىقنى «تىككەن»گە باراۋەر ئىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ