جۇڭگودىكى ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل سېتىشنى چەكلىگەن تۇنجى ئۆلكە بېكىتىلدى

2026.07.14 15:27 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، خەينەن «<15-بەش يىل>لىق خەينەن دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىناق رايونى يىرىك پىلانى (گۈزەل خەينەن قۇرۇلۇشىنىڭ < 15-بەش يىل >لىق يىرىك پىلانى)» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «يىرىك پىلان» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى.

«يىرىك پىلان»دا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خەينەن ئەركىن سودا پورتىنىڭ قاتناش ـ تىرانسپورت يېشىل نام كارتىسى بەرپا قىلىنىدۇ. 2030 ـ يىلى ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل سېتىشنى چەكلەش مۇقىم ئالغا سىلجىتىلىپ، 2030 ـ يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە ئىجتىمائىي تىجارەت ساھەسىدە يېڭىدىن كۆپەيتىلىدىغان ۋە ئالماشتۇرۇلىدىغان ئاپتوموبىللار (ئالاھىدە ئىشلىتىلىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا) ئىچىدە پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى، شەخسىي ئاپتوموبىل ساھەسىدە يېڭىدىن كۆپەيتىلىدىغان ۋە ئالماشتۇرۇلىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك بولۇش نىسبىتى %100كە يەتكۈزۈلۈپ، ئاپتوموبىل بىلەن توكلىغۇنىڭ نىسبىتى 2.5:1 دىن تۆۋەن سەۋىيەدە ساقلىنىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا «يىرىك پىلان»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مىقدارلاشتۇرۇش نىشانىغا ئاساسلانغاندا، خەينەننىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ساقلانما مىقدارىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 2025-يىلىدىكى %23.75تىن «15-بەش يىل»لىق پىلاننىڭ ئاخىرىدىكى %45كە ئۆستۈرۈلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ