
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، بېيجىڭدا گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى نۆۋەت بىلەن كۆرۈلدى، نۇرغۇن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىگىلىرى سىرتتا توك قاچىلاشتا بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدىن ئەندىشە قىلدى. بۇنىڭغا قارىتا، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى چاقماق، قارا يامغۇرلۇق ھاۋا رايىدا ئاپتوموبىللارغا توك قاچىلاشتىن ساقلىنىش تەكلىپىنى بەردى.
«يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىگىلىرى تۇيۇقسىز گۈلدۈرمامىلىق، چاقماق چېقىش، قارا يامغۇرلۇق ھاۋارايىغا يولۇققاندا، ئەڭ ياخشىسى سىرتتا توك قاچىلاشنى ۋاقتىنچە توختىتىپ، ھاۋا تۇراقلاشقاندىن كېيىنتوك قاچىلاش مەشغۇلاتى قىلىشى كېرەك.» تۇڭجوۋ رايونلۇق ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ئىدارىسى ئوت ئاپىتىنى تەكشۈرۈش ۋە ئاخبارات-تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چى شىڭلۇڭ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: چاقماق پەيدا قىلغان ئىندۇكسىيەلىك توك بېسىمى باتارېيە باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بۇزۇۋېتىشى، ھەتتا ئىچكى قىسمىدا قىسقا تۇتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن؛ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ باتارېيە گۇرۇپپىسى گەرچە سۇدىن مۇداپىئەلىنىدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن بولسىمۇ، قارا يامغۇر يېغىپ توك قاچىلاش رايونىغا سۇ يىغىلىپ، سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى تەگلىك باتارېيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئېگىزلىكىدىن ئېشىپ كەتسە، توك قاچىلاشقا بولمايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ