گۇڭئەن ئورگانلىرى خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى −

ساقچى كۈچلىرى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈلۈپ، تۈزەش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى («15-بەش يىل» مەزگىلىدە ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى تاشلاش)

2026.07.14 15:04 مەنبە: خەلق تورى

ياز كۈنلىرى، بېيجىڭ پايتەخت خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ يۈك تىرانسپورت رايونىدا ئاپتوموبىللار توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى لى ئۇستام ئاپتوموبىلىنى توختىتىپ، ئۇدۇل يول بويىدىكى «خېفېڭ ئۆتىڭى»گە كىرىپ كەلدى.

«شىمالىي چازا ئېغىزىدىكى سۈرئەت ئاستىلىتىش بەلبېغىنىڭ گىرۋىكى كۆتۈرۈلۈپ كېتىپتۇ، بۇنداق بولسا چاقنىڭ زەخىملىنىشىنى دېمەيلا قويايلى، يەنە ئاسان ھادىسە چىقىدۇ، ماسلاشتۇرۇپ رېمونت قىلغىلى بولامدۇ-يوق؟» لى ئۇستام بىر قاچىلىق تاماق ئېلىپ يېگەچ ئۆتەڭدە تۇرۇشلۇق خەلق ساقچىسى شيې تيەن بىلەن پاراڭلاشتى. «بىز دەرھال تەكشۈرۈپ ئېنىقلايمىز، تېزدىن رېمونت قىلىمىز» دېدى شيې تيەن دەرھاللا ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ.

بۈگۈنكى كۈندە، پايتەخت ئايروپورتى گۇڭئەن ئىدارىسى بەرپا قىلغان بۇ «خېفېڭ ئۆتىڭى» يۈك تىرانسپورت كەسىپكارلىرى توختاپ ئارام ئالىدىغان، ئىلتىماس-تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىدىغان مېھىرلىك ماكانغا ئايلاندى، شۇنداقلا گۇڭئەن ئورگانلىرىنىڭ «مۇلازىمەتنى باشقۇرۇشقا سىڭدۈرۈش، مۇلازىمەت ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىن ئىبارەت ئاساسىي قاتلام ساقچى ئىشلىرى ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشىدىكى جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى:«ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى ‹ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر›نى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ھەل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ‹فېڭچياۋ تەجرىبىسى›دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.» «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى:«سىستېمىلىق تۈزەش، قانۇن بويىچە تۈزەش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت جەمئىيەتنى ئىدار قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.»

ئاساسىي قاتلام كۈچەيسە دۆلەت كۈچىيىدۇ، ئاساسىي قاتلام تىنچ بولسا پۈتۈن مەملىكەت تىنچ بولىدۇ.

شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شەھىرى شىنەن رايونىدىكى چىدۇڭ يولى مەھەللىسىدە، شاۋقۇن سەۋەبىدىن كۆپ يىل تالاش-تارتىش قىلىپ تىركىشىپ قالغان قوشنىلارنىڭ ئاداۋىتى شۇ جايدىكىلەر ئېتىراپ قىلغان مۇرەسسەدىكى «كونا، چوڭ، قىيىن» مەسىلە ئىدى.

مەھەللىنىڭ خەلق ساقچىسى جاڭ رۇڭ بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، كۆپ قېتىم ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ، ئەھۋال ئىگىلىدى: يىل بويى جېدەللىشىش سەۋەبىدىن ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئاھالىلەرنىڭ پىسخىكىسىدا تۈگۈن پەيدا بولغانىدى، دائىم ئازراقلا ئاۋاز ئاڭلاپ قالسىلا تامنى ئۇرۇپ ئاچچىقىنى چىقىراتتى. شۇنىڭ بىلەن، جاڭ رۇڭ مەھەللە كادىرلىرى، دائىرە خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە ئاھالىلەرنىڭ كۆڭلىدىكى تۈگۈننى سەۋرچانلىق بىلەن ھەل قىلدى، يۇمشاق ئۇسۇلدا يېتەكلەش ئارقىلىق، قوشنا ئىككى تەرەپ ئاخىر قول ئېلىشىپ يارىشىپ قالدى.

كونا ئولتۇراق رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى كونىراپ كېتىش، قوشنىلار ئارىسىدىكى زىددىيەت قاتارلىق مەھەللىنى ئىدارە قىلىشتىكى قىيىن مەسىلىلەرگە قارىتا، چىڭداۋ شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى ئاساسىي قاتلام ساقچى ئىشلىرى كۈچىنى يەنىمۇ تولۇقلاپ، مول تەجرىبىگە ئىگە خەلق ساقچىلىرىنى مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مەھەللە خەلق ساقچىلىقىغا تاللاپ ئەۋەتىپ، مەھەللىنى ئىدارە قىلىشتىكى «مىكرو ھۈجەيرە»نى جانلاندۇرۇپ، تىرىشىپ مەسىلىلەرنى ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلدى، بىخ ھالىتىدە تۈگەتتى.

ساقچى كۈچلىرى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈلۈپ، ئىدارە قىلىش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى. چىڭداۋ شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسىدە «كىچىك ئىشلاردا دائىرىدىن چىقارماي ھەل قىلىش، چوڭ ئىشلاردا تېز سۈرئەتتە بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش»تەك مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىدارە قىلىش مەنزىرىسىنى دائىم كۆرگىلى بولىدۇ.

فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى «خەلققە يېقىن ساقچى ئىشلىرى» ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، ئىشنى ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك ئىشلارنى ياخشى بېجىرىش، قوشنىلار ئارىسىدىكى ماجىرالارنى ھەل قىلىشتىن باشلاپ، ئاممىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ساقچىخانا بەرپا قىلدى؛

چۇڭچىڭ شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسىنىڭ بېيبېي رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى «دائىرىگە بۆلۈپ ھۆددىگە ئېلىش+قوشنىلار ھەمدەم بولۇش» بويىچە كېچىدە چارلاش، «مەخسۇس چارلاش ئەترىتى+ئۆي-جاي مۇلازىمىتى» بويىچە سەھەردە چارلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، كوچا يۈزىنى چارلاپ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى؛

خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى دىققەتنى يېڭى تىپتىكى توردىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش-تۈزەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، خەۋەرلىشىش قاتارلىق تارماقلار بىلەن بولغان ماسلىشىش، بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يىپ ئۇچىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش ۋە بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردى؛

…………

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇڭئەن مىنىستىرلىقى ھەرقايسى جايلاردىكى گۇڭئەن ئورگانلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، «يىپ ئۇچى توپلاش، يېتەكچىلىك قىلىش، ھەرىكەت قىلىش» بىر گەۋدىلەشكەن يۈرۈشۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، گەۋدىلىك قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش يېڭى مېخانىزمى، يېڭى ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى مەھەللە ساقچى ئىشلىرى مېخانىزمىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ ۋە قېلىپلىق يۈرۈشتۈرۈپ، زىددىيەت، ماجىرالارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ ھەل قىلىش خىزمىتىنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئىدارە قىلىش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

بۇ يىل 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى گۇڭئەن ئورگانلىرى ئورتاق بېجىرگەن جىنايى ئىشلار دېلولىرىنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.1 تۆۋەنلىدى، بېجىرگەن ئامانلىق دېلولىرىنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.6 تۆۋەنلىدى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى ۋەزىيىتى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلاندى.

ئامما پۇشتەك چېلىپ، گۇڭئەن ئاۋاز قوشتى.

6-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 13 لەردە، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شۈجوۋ شەھىرى فېڭشيەن ناھىيەسىدىكى «فېڭچېڭ ئالدىنقى قاراۋۇلخانىسى» ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەش قوشۇنىدىكى پىدائىيلار تەۋەلىك رايوندىكى خەلق ساقچىلىرىغا ئۆزى ئولتۇراقلاشقان ئولتۇراق رايوندا ھەرىكىتى گۇمانلىق بىر ئەرنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى، بۇ ئەرنىڭ سىرتقا چىققاندا قالپاق، ماسكا تاقىۋالغانلىقىنى ھەم قەستەن كىشىلەر توپىدىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.

خەلق ساقچىلىرى پىدائىيلارنىڭ يول باشلىشىغا ئاساسەن ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىدى. سوئالغا قارىتا، بۇ ئەر ئالاقزادە بولۇپ، دۇدۇقلاپ، ئاخىر ئوغرىلىق قىلغان جىنايەت پاكىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلدى.

«تاسادىپىي گۇمانلىق ئەھۋالغا دۇچ كېلىش»تىن «دەل جايىدا تورغا چۈشۈش»كىچە، ئىككى سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتىكى بۇ مەيدان تېز قوغلاپ تۇتۇش، ھەم «فېڭچېڭ ئالدىنقى قاراۋۇلخانىسى»نىڭ ساقچىلار بىلەن خەلق بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈنۈمىنى نامايان قىلدى، ھەم «تىنچ جۇڭگو قۇرۇلۇشى خەلق ئۈچۈن، شۇنداقلا خەلققە تايىنىدۇ» دېگەننى تولۇق ئىسپاتلىدى.

گۇڭئەن ئورگانلىرى يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، «فېڭچېڭ ئالدىنقى قاراۋۇلخانىسى»، «خۇڭفېڭ پىدائىي ساقچىسى»، «فېيخۇڭ ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەترىتى» قاتارلىق ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەش قوشۇنلىرىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ساقچى تارماقلىرى بىلەن كارخانىلار بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، ساقچى تارماقلىرى بىلەن مەكتەپلەر بىرلىشىپ تۈزەش، ساقچى تارماقلىرى بىلەن داۋالاش تارماقلىرى بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ساقچى تارماقلىرى بىلەن سۇغۇرتا شىركەتلىرى بىرلىشىپ ۋەزىپە ئۆتەش، ساقچى تارماقلىرى بىلەن مەھەللە بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش قاتارلىق ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەش خىزمەت مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا تەرتىپلىك قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، تىنچ-ئامانلىق مۇداپىئە سېپىنى ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملىدى.

گۇڭئەن مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى:«پۈتۈن مەملىكەتتىكى گۇڭئەن ئورگانلىرى باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ‹15-بەش يىل›نىڭ باشلىنىش يىلىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىدارە قىلىش ئۈنۈم-ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.»

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ