
جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ 7-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گوۋۇيۈەن «ئىستېمالنى كېڭەيتىش ‹15-بەش يىللىق› يىرىك پىلانى» توغرىسىدا تەستىقىي جاۋاب بېسىپ تارقىتىپ، «ئىستېمالنى كېڭەيتىش ‹15-بەش يىل›لىق يىرىك پىلانى»غا پىرىنسىپ جەھەتتىن قوشۇلغان.
تەستىقىي جاۋابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتا ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مۇلازىمەت ئىستېمالىنى كېڭەيتىپ، تاۋار ئىستېمالىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپ ھالىتى مۇھىتىنى بېيىتىپ، ئىستېمال ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئىستېمال مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تۈزۈم-سىياسەتلەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاھالە ئىستېمالىنى كېڭەيتىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى ئۇللۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
تەستىقىي جاۋابتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىستېمالنى كېڭەيتىشنى ئۆز رايونىنىڭ «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئىستېمالنى كېڭەيتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يىرىك پىلاندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان-ۋەزىپە ۋە سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ