
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى گوۋۇيۈەن يېقىندا «خەلق ساغلاملىقىنىڭ <15-بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «يىرىك پىلان» دېيىلىدۇ) نى بېسىپ تارقىتىپ، «15-بەش يىل» مەزگىلىدە ساغلام جۇڭگو قۇرۇشنى تېزلىتىشنى ئورۇنلاشتۇردى.
«يىرىك پىلان»دا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سەھىيە ۋە ساغلاملىق تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، يېڭى دەۋردىكى سەھىيە-ساغلاملىق خىزمىتى فاڭجېنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، داۋالاش-سەھىيە تەرەققىيات ئۇسۇلىدا ساغلاملىقنى مەركەز قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە، مۇلازىمەت سىستېمىسىدا سۈپەت، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە، ئىسلاھ قىلىش، ئىدارە قىلىشتا سىستېمىلىق ماسلىشىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە تۈرتكە بولۇپ، ساغلاملىق مۇلازىمىتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى ۋە ئېرىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ساغلام بولۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ساغلاملىققا پايدىلىق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ساغلاملىق ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.
«يىرىك پىلان»دا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2030-يىلىغا بارغاندا، ساغلاملىقنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ تۈزۈم سىستېمىسى تەدرىجىي ئورنىتىلىپ، ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەت-تۈزۈم سىستېمىسى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، جۇڭگوچە ئاساسىي داۋالاش-سەھىيە تۈزۈمى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش، ساغلاملىقنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈپ، داۋالاش-سەھىيە بايلىقىنى تەقسىملەش تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇلۇپ، كۆپ قاتلاملىق داۋالاش كاپالىتى سىستېمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا يۈزلەنگەن مائارىپ، پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەندىزىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك تەرەققىياتىدىكى يېتەكچىلىك ئورنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى 80 ياشقا يەتكۈزۈلۈپ، ئاساسلىق ساغلاملىق كۆرسەتكۈچلىرى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، 2035-يىلى ساغلام جۇڭگو قۇرۇپ چىقىشقا پۇختا ئاساس سېلىنىدۇ.
«يىرىك پىلان»دا پۈتكۈل كىشىلەر توپىغا قارىتىلغان ھەر تەرەپلىمە، تولۇق دەۋرىيلىك ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سەھىيە-ساغلاملىق بىخەتەرلىك توسۇقىنى سىجىل مۇستەھكەملەش، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرىكىش تىپىدىكى داۋالاش-سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىش، سەھىيە-ساغلاملىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى قۇۋۋىتىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈش، ساغلاملىقنى مەركەز قىلغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق بەش جەھەتنى چۆرىدەپ، 24 تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقىرى سۈپەتلىك ساغلاملىق مۇلازىمىتى، يۇقىرى سەۋىيەلىك سەھىيە-ساغلاملىق بىخەتەرلىكى، سەھىيە-ساغلاملىق مۇلازىمەت سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا يۈزلەنگەن مۇھىم يېڭىلىق يارىتىش، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قاتارلىق مۇھىم قۇرۇلۇش ۋە تۈرلەر ھەمدە «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى داۋالاش-سەھىيە بايلىقىنى تەقسىملەشكە يېتەكچىلىك قىلىش پىرىنسىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
«يىرىك پىلان»دا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيە رەھبەرلىكىنى سەھىيە-ساغلاملىق خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار «<ساغلام جۇڭگو 2030> يىرىك پىلان پىروگراممىسى»غا بىرلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ھەقىقىي ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن ۋەزىپە، تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ ئەلالاشتۇرۇپ، يىرىك پىلاندىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ