مەركەز 2 مىليارد 456 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ شىنجاڭنىڭ شەھەر يېڭىلىشىغا مەدەت بېرىدۇ

2026.07.13 14:54 مەنبە: خەلق تورى

شەھەر يېڭىلاشنىڭ بىر ئۇچى تەرەققىياتقا، يەنە بىر ئۇچى خەلق رايىغا تۇتىشىدۇ. يېقىندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەركەز خامچوتىدىن 2 مىليارد 456 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، شىنجاڭدىكى 98 شەھەر يېڭىلاش تۈر قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىپ، 1181 كونا ئولتۇراق رايون، 8459 يۈرۈش كەپە ئۆي رايونى، شەھەردىكى 15 كەنتنى ئۆزگەرتىشنى پىلانلىدى، بۇنىڭدىن 367 مىڭ 600 ئاھالە نەپكە ئېرىشىدۇ.

شەھەر يېڭىلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش شەھەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. 2025-يىل 5-ئايدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «شەھەر يېڭىلاش ھەرىكىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، 2030-يىلىغا بارغاندا شەھەر يېڭىلاش ھەرىكىتىدە مۇھىم ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئايدىڭلاشتۇردى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەركەز خامچوتى ئىچىدە مەبلەغ سېلىپ شەھەر يېڭىلاش مەخسۇس تۈرىنى تەسىس قىلىپ، 2026-يىلى 97 مىليارد يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش، شەھەرلەردىكى خەتەرلىك، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى نۇقتىلىق قوللىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ