«تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەنلەر ئوقۇتقۇچىلىق ئىش ئورنىغا كىرەلمەيدىغان بولۇپ قالدىمۇ»؟ ھۆكۈمەت تەرەپ ئىنكاس قايتۇردى

2026.07.13 14:56 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، توردا «ئوقۇتقۇچىلار ئومۇميۈزلۈك ماگىستىرلىققا يۈزلەندى، تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەنلەر ئوقۇتقۇچىلىق ئىش ئورنىغا كىرەلمەيدۇ»، «ئوقۇتقۇچىلار ئىشسىزلىق تەييارلىقىنى ياخشى قىلىشى كېرەك» دېگەندەك سۆز-چۆچەكلەر پەيدا بولدى. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، يۇقىرىقى قاراشلارنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى ئېنىقلاندى.

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «مائارىپچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، يۇقىرى قاتلاملىق ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئۈچۈن تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى قاتلامدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى نۇقتىلىق يېتىشتۈرۈپ بېرىش، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈشتە ئاسپىرانتلار قاتلىمىنى ئاساس قىلىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. «نۇقتىلىق تەربىيەلەش»، «تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش»نى ئومۇميۈزلۈك يۈزلىنىش، دەرھال ئىجرا قىلىدىغان مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك بەلگىلىمە دەپ بۇرمىلاش تىپىك بولغان ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشكە تەۋە، ئالاقىدار سىياسەت ھۆججەتلەردە ئەزەلدىن «ئومۇميۈزلۈك ماگىستىرلاشتۇرۇش» ياكى «تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئىش ئورنىغا كىرىشىگە بولمايدۇ» دېگەن بەلگىلىمە چىقىرىلمىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ